ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاسپورت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن ئۇقتۇرۇشلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قايتىدىن پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىدە پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ پاسپورت تارقىتىۋاتقانلىقىنى خەلقئارادا ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائىرىلەرنىڭ پاسپورتنى يىغىۋېلىش ھەققىدە بۇنداق جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى دىققەت قوزغىدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرىلەپ قامال ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئارقا-ئارقىلاپ ھەر ساھەگە ئالاقىدار يىغىنلارنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىش، ئىنتېرنېت-ئۇچۇر تور بەتلىرىگە قارىتىلغان كونترولنى كۈچەيتىش، خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرمۇ-بىر تۇغقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئوخشاش بىر قاتار يول-يورۇقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قۇمۇل، شىخەنزە، ماناس ۋە مىدۇڭ قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيىلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشلاردىن ئەمدى نۆۋەتنىڭ قايتىدىن پاسپورت يىغىۋېلىشقا كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەسىلەن، قۇمۇلنىڭ دۇڭخې رايونلۇق ساقچىخانا، شىخەنزە شەھەرلىك ساقچىخانا ۋە مىدۇڭ شەھەرلىك ساقچىخانا تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا پاسپورتى بارلارنىڭ پاسپورتلىرىنى 18-ئۆكتەبىرگىچە تاپشۇرۇپ بېرىشى، تاپشۇرۇلمىغان تەقدىردە پاسپورت ئىگىلىرىگە ئاۋارىچىلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. شىخەنزە شەھەرلىك ساقچىخانا تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتا بولسا تەھدىت تونىدا پاسپورتىنى تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلەرنىڭ بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى يېزىلغان. ماناس ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى 10-ئۆكتەبىر كۈنى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا 11-ئۆكتەبىردىن باشلاپ پاسپورت بېجىرىشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2015-يىلى ئاۋغۇستتا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بىر پارچە ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرسىلا پاسپورت ئالالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇندىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يېزىلاردىمۇ كەڭ تۈردە پاسپورت ئېلىشقا تىزىملاۋاتقانلىقىنى، قىسقىغىنە 4 ئاي ئىچىدە 300 مىڭغا يېقىن كىشىگە پاسپورت تارقاتقانلىقىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلغان. بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆتكەن يىلى چىققان پاسپورت بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئەپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇ پاسپورت يىغىۋېلىشنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جايلاردىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.

دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى پاسپورت بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرغاندا يەنە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارىلىدىغان ۋە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدىغان 7 خىل تۈردىكى كىشىلەرنىمۇ ئېلان قىلغان. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىمۇ پاسپورت ئېلىشقا ھەقىقىي ئېھتىياجى بولغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پاسپورتسىز قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئۆرنىكى بولسا بورتالالىق رابىيخان ئانىدۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا پاسپورت يىغىۋېلىش قارارىنى«ئىلگىرىكى نىقابلىق بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى»، دېدى.

يۇقىرىدىكى شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان پاسپورت تاپشۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا پاسپورتىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ ھەممە ئاقىۋەتكە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ، د ن ئا ئۇچۇرلىرىنى، چېگرادىن كىرىپ-چىقىش دائىرىلىرىنىڭ جەدۋىلىنى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تامغا باسقان قەغىزىنى، خىزمەت ئورنى بارلارنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ تامغىسىنى ياكى بولمىسا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان. يۇقىرىدىكىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورت ئېلىشقا قويغان ئۆلچىمىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ يىل ئىيۇندا، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، 1-ئىيۇندىن باشلاپ، ئىلى ئوبلاستىدا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغانلاردىن «شۇ كىشىنىڭ د ن ئا نى ئېنىقلايدىغان قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش، بارماق ئىزىنى ۋە ئاۋاز خاتىرىسىنى ئېلىش» قاتارلىق ئۈچ ئۆلچەملىك كىملىك خاتىرىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن كۈچەيتىلىۋاتقان قامال سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق چەتئەللەرگە قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا خەلقئارا جامائەتنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ھەقىقىي تۈردە بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى «سەپەرۋەر قىلىش» يىغىنىدا، رايوندىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلىگەن ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر بۇ پاسپورت يىغىۋېلىشنىمۇ چېن چۈەنگو چىققاندىن كېيىن توختىماي تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ باش نىشاننىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.