خوتەندە ساقچىلارنىڭ چارچاشتىن ھوشىدىن كېتىش ھەتتا ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.08
charchash-charchap-charchighan-saqchi.jpeg 48 سائەتلىك چارلاش ھەم نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئورۇنلىرىدا ئۇخلاپ قېلىۋاتقان ساقچىلار.
Social media

ئالدىنقى ئايلاردا خوتەندە بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ قاتتىق چارچاش تۈپەيلىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

يېقىنقى بىر قانچە ئاي مابەينىدە، بولۇپمۇ بۇ يىل 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ساقچىخانىلار «بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي ھالەت» كە ئۆتكەن.

تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلار ۋە ئامانلىق خادىملىرى شەھەر، بازار، يېزا، كەنتلەردە ئۇدا 48 سائەتلىك چارلاش ھەم نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

بىز خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى يەرلىك ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ئۇدا 48 سائەتلىك نۆۋەتچىلىكتىن قاتتىق چارچىغانلىقى بولدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ 48 سائەتتىن بۇيان دەم ئالماي ئۇدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق گۈجەنباغ ساقچىخانىسىدىكى بىر نۆۋەتچى ساقچىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاشلا 48 سائەتتىن ئۇدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئارقىدىن خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق شورباغ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى ساقچى ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى 4 ئايدىن بۇيان بىر كۈنمۇ دەم ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇدا 48 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ساقچىخانىنىڭ «بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي ھالەت» تە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى زىيارىتىمىز جەريانىدا ساقچىخانا، تەكشۈرۈش توسۇقلىرى ۋە قاراۋۇلخانىلاردىكى ساقچىلارنىڭ چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئامال بولمىغىنىدا ئىستېپا بېرىپ، بېشىغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى خوتەن شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ تۇنجى قېتىم چارچاپ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرقانچە ساقچىنىڭ ئىش ئورنىدا ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى كېرىيە ناھىيىسىدىمۇ ساقچىلارنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تەكشۈرۈش توسۇقلىرىدا ئۇدا 48 سائەتتىن ئۇخلىماي نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ياردەمچى ساقچىلاردىن بىرقانچىسى ئىش ئورنىدا يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كەتكەن.

خوتەندىن باشقا ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇدا 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك ۋە چارلاش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم بولدى.

چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى ساقچى ئۆزلىرىنىڭ 24 سائەتلىك ئۇدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىلىق ساقچىخانىسىمۇ 24 سائەتلىك ئۇدا نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىچان ناھىيەسىنىڭ چىقتىم بازارلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نۆۋەتچى ساقچى ئۆزلىرىنىڭ 24 سائەتتىن ئۇدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغانلىقىنى، دەم ئېلىش توغرىلىق ساقچىخانا باشلىقلىرىدىن ئۇقتۇرۇش بولمىغۇچە داۋاملىق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ساقچى، ياردەمچى ساقچى ياكى ئامانلىق خادىمى دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار گەرچە خىزمەت بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر خىزمەتلەر ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىغا، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇنىڭدىن باشقا ئىش ئورنى قالمىدى. ياشاش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ساقچىلىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇرلىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان ياكى خالىمىغان بولسۇن، ساقچى بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەتمىنىنى چېپىشقا، ئۆز خەلقىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشقا زورلانماقتا.»

ئاۋات ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 5-ئىيۇن كۈنى ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش توغرىلىق تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش چىقارغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، 5-ئايدا ناھىيە بويىچە يۈزدىن ئارتۇق ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېتەرلىك بولمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئىككىنچى قېتىم چىقىرىلغان تولۇقلىما ئۇقتۇرۇشتا ساقچى قوبۇل قىلىشتىكى قاتتىق شەرتلەرنى تۆۋەنلىتىشكە، ياش چەكلىمىسى بىلەن نوپۇس تەۋەلىكىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.

دوكتور جۈرئەت ئوبۇل بۇ ھەقتىكى پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «48 سائەتتىن دەم ئالماي ئۇدا ئىشلەش بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر ھادىسە. خۇسۇسەن مەن بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنساننىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن بۇنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قۇلدىن، چاكاردىن ھېچ پەرقى قالمىغان دېيىشكە بولىدۇ. مانا مۇشۇ بىمەنىلىكلەر ھازىر بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرمەكتە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.