قاراقاش پۇرچاقچى ئاھالىلىرى: مەھەللىمىزدە ئەرلەر ئاساسەن قالمىدى، ھەممىسى «تەربىيەلەش» تە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.10.05
qizil-bayraq-qesem-berish.jpg خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە ئۆتكۈزگەن «تېررورلۇق» قا قارشى قەسەمياد يىغىنلىرىنىڭ بىرىدىن كۆرۈنۈش.
Social Media

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىلىق ساقچى خادىمى 7000 ئائىلىلىك نوپۇسقا ئىگە بولغان مەزكۇر يېزىدا 4000 چە كىشىنىڭ ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە قاماقلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مۇخبىرىمىز بۇ ساقچى خادىمى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرلىرىغا ئاساسەن، بەزى تۇتقۇنلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەنمە ئالاقىلەشتى. باشقۇدۇقلا كەنتىدىكى بىر ئائىلە ئەزاسى، ئۆزىنىڭ 3 قېرىندىشى ۋە يولدىشىنىڭ تەربىيەلەشتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىسا، ئاھالىلەردىن يەنە بىرى ئۆزىنىڭ 3 قېرىندىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ھەر ئىككىسى نۆۋەتتە پۇرچاقچىدا كوچىلاردا ئەرلەر ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا 4000 چە كىشىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەڭ كۆپ ئاپىرىلغانلار، باشقۇدۇقلا ۋە ئاياققۇدۇقلا كەنتى. بىز ساقچى خادىمىنىڭ تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن باش قۇدۇقلا كەنتىدىكى بىر بىر ئائىلىگە تېلېفون ئالدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خانىم، ئۆزىنىڭ بىر ئاكىسى، ئۇكىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىرلىكتە يەنە يولدىشىنىڭمۇ قاماقتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز يەنە ساقچى خادىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاياققۇدۇقلا كەنتىدىكى بىر ئاھالىگە تېلېفون قىلدۇق. ھەر ئىككىسى، ئۆز مەھەللىسىدە كۆرۈلگەن، ئەر ئەمگەك كۈچى قالماسلىق ھادىسىسىنىڭ يالغۇز ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان كەنتتىلا ئەمەس، بۇنىڭ پۇرچاقچىنىڭ ھەممىلا مەھەللىرىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۇرچاقچى يېزىسى 28 كەنت، 132 مەھەللىدىن تەشكىللەنگەن، نوپۇسى 31497، ئائىلە سانى 7603. يېزىدا ئۇيغۇر نوپۇسى 99.96%.

پۇرچاقچى يېزىسىدا2013‏- ۋە 2014-يىللىرى ئارقىمۇ-ئارقان بىرقانچە مەيدان قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.