دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 - يىلى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل چەكلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى قاتتىق باستۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: "ئەركىنلىك سارىيى" ئېلان قىلغان 2010 - يىللىق دوكلاتىنىڭ ماۋزۇسى " 2010 - يىلى دۇنيادىكى ئەركىنلىك" بولۇپ، بۇنىڭ كىچىك تېمىسى "ئەركىنلىكنىڭ يوقىتىلىشى ئېغىرلاشماقتا" دەپ قويۇلغان.
مەزكۇر تەشكىلات ئېلان قىلغان دوكلاتقا، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى باھالانغان بىر تىزىملىك كىرگۈزۈلگەن. تىزىملىكتە خىتاي ئەركىن ئەمەس دۆلەتلەر كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ جەھەتتە بېرما بىلەن تەڭ ئورۇنغا ۋە ئافغانىستاننىڭ كەينىگە تىزىلغان.
دوكلاتتا، گەرچە خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە بىر قىسىم روللارنى ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئۆز خەلقىگە قارىتىلغان بېسىملارنى يەنە داۋاملاشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىنلىك سارىيى ئاسىيا ئىشلار تەتقىقاتچىسى سارا كۇك، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "2007 - يىلىدىن بىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سوت ۋە ئەدلىيە ساھەسىگە روشەن سىياسىي مەقسەتتە ئارىلىشىشى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2008 - يىلى مارتتا، ھېچقانداق قانۇنى ساۋاتى بولمىغان بىر سابىق پارتىيە ئەزاسى خىتاي ئالىي سوتىنىڭ سوتچىسى قىلىپ تەيىنلەندى. بۇ خىتاينىڭ يەنىلا پارتىيىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ."
ئۇ يەنە، خىتايدا ئەرزدارلارنىڭ ئۆز ھەق - دەردىنى قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: "كۆپ ساندىكى كىشىلەر، مەيلى ئۇلار ئۇيغۇرلار، فالۇنگوڭچىلار، تىبەتلەر، خرىستىئانلار، دېموكراتچى پائالىيەتچىلەر ۋە ياكى ئەرزدارلار بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئاڭلايدىغىنى 'سىلەرنىڭ دەردىڭلارغا نىسبەتەن ئادىل سوت يوق،' دېگەندىن ئىبارەت."
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان قىسمىدا، "ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ نوپۇس قاتلىمىنى ئۆزگەرتىش ۋە شىنجاڭدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق بوغۇش سىياسىتى، 2009 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ رايوندا مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي غايىب بولۇشى، نەچچە رەت ئېلىپ بېرىلغان ئۆلۈم جازالىرى ۋە چىڭىتىلغان ئىنتېرنېت چەكلىمىسى قاتارلىقلار بىلەن چېكىگە يەتتى،" دېيىلگەن.
سارا كۇك خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا ئۇزۇندىن بۇيان ئۈزۈلدۈرمەي يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلى نوپۇس قاتلىمىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت رىئاللىقنىڭ، 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئاساسىي سەۋەب بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" باستۇرۇلۇش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىقىدەك ئەھۋاللارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ۋەقەنى باستۇرۇش جەريانىدا ۋە ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بولسۇن، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى. مەيلى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ مەلۇم ياشتىكى ئەرلەرنى ئايرىپ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىكىدە بولسۇن ۋە مەيلى بەزى نامايىشچىلارنىڭ خۇپىيانە ۋە ياكى ئادالەتسىز سوت بىلەن ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ ئېتىلىشىدا بولسۇن، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىكار قىلىندى."
سارا كۇك ئاخىرىدا، ئۆتكەن ھەپتە شېنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر رېستورانىدا يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسى ھەمدە ۋەقەدە بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەسسىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئاخباراتىدىكى نامۇۋاپىق خەۋەرلەرنىڭ، ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىلا غەزەپكە كەلتۈرۈپ قالماي، بەلكى يەنە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.