بۇ ئىككى ئۇيغۇردا قىلچە ئەيمىنىش ياكى تەمتىرەش بولمىغان
ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى بۇ ھەقتە ئېنىقلىغان ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تېلېفون خاتىرىسىنى ھازىرچە ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى'تۆتىنچى ئاۋغۇست سەمەن ۋەقەسى'نى پەيدا قىلغان ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن قەشقەردە ئېچىلغان سوتتىكى سوراقلار ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىش ناھايىتى سۈرلۈك ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى ئۇيغۇردا قىلچە ئەيمىنىش ياكى تەمتىرەش بولمىغان.
'ئىككىنچى پىلاننى ئورۇنلىيالمىغانلىقىمغا ئەپسۇسلىنىمەن'
ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، كۆكتات ساتىدىغان قۇربانجان ئابلىمىت سوتتا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پىلانىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوتتىكى سوراق ئەھۋالى جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتكەن
ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە قەشقەردە ئېلىپ بارغان بۇ يېپىق سوتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەھۋالى قەشقەرگىلا ئەمەس، جەنۇبتىن شىمالغىچە كەڭ تارقالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن مەسچىتلەردە تەنقىدىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان
ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن دىنىي زاتلارغا تەنقىد تىزىسى يېزىپ بېرىپ، ئۇلار ئارقىلىق مەسچىتلەردە تەنقىدىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. مەسچىت ئەھلى بۇنىڭغىمۇ قارشى تۇرغان.
ئىككى ئۇيغۇرنى رابىيە خانىمغا چېتىپ ئەيىبلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن
ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قەشقەردە مائارىپقا ناھايىتى قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىۋاتىدۇ. مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشنى چەكلەش ئۈچۈن، بىر مۇنچە ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشاتقان.
شۇنداقلا يەنە، مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، سىياسىي كۇرس ئېچىپ، 'تۆتىنچى ئاۋغۇست سەمەن ۋەقەسى'نى پەيدا قىلغان ئىككى ئۇيغۇرنى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان رابىيە خانىم باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا چېتىپ ئەيىبلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. خەلق ئىچىدە بۇنىڭغا قارشى ئىنكاسلارمۇ ناھايىتى كۈچلۈك.