خەلقئارادىن بېسىم ھېس قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە
سوئال: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر بېيجىڭدا تۆتىنچى ئومۇميىغىن ئېچىپ 'دېموكراتىيە'دېگەن ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ قوپتى. بۇنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۆزگىرىش بىلەن، مەسىلەن: ئافغانىستاندەك ئۇزۇن يىل ئۇرۇش بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتتە خەلق ئومۇم سايلىمى ئۆتكۈزىلىدۇ؛ ئۇزۇن يىللار بۇيان بىر پارتىيە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ياپونىيىدە سىياسىي پارتىيە ئالماشتى؛ تەيۋەندە پرېزىدېنت بولغان كىشىمۇ خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بۇنداق ئۆزگىرىشلەر خىتاي خەلقىغە تەسىر قىلدى، ئەمدى بۇ قېتىمقى تۆتىنچى ئومۇميىغىندا 'دېموكراتىيە' نى تەكىتلەشنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى بۇنداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بىلەن باغلىنىشى بارمۇ؟
'بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى'نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر دېڭىزىغا چىلىشىپ قالدى. بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى دېموكراتىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلىپ قالدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھازىر 'دېموكراتىيە' نى ھەدەپ تىلغا ئېلىپ قوپۇشىغا، ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئوخشىمىغان پىكىردە بولغۇچىلارنى قولغا ئېلىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ تور ئالاقىسىنى توسۇپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، 60 يىللىقنى تەبرىكلەيمەن دەپ ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، ھەتتا خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىغىمۇ قوپاللىق بىلەن كاشىلا قىلىۋاتقانلىقىدەك مۇستەبىت تەدبىرلىرى، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇنىڭدىن بېسىم ھېس قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلك، ئەلۋەتتە. شۇ سەۋەبتىن ھازىر دېموكراتىيە دېگەن ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ قوپتى. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ھازىر، پەقەت دېموكراتىيەنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆزى پەيدا قىلغان يامان تەسىرنى كىچىكلەتمەكچى بولۇۋاتسا كېرەك.
'سىياسىي پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە' دېگەن گەپ تېخىمۇ مەنتىقىسىز
سوئال: تۆتىنچى ئومۇميىغىندا 'سىياسىي پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە' دېيىلىۋاتقان بۇ سۆزنىڭ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇرۇن دېگەن 'خەلق دېموكراتىيىسى'، 'خەلق دېموكراتىك دېكتاتورىسى'، ' سوتسىالىستىك دېموكراتىيە'، 'خىتايچە دېموكراتىيە' دېگەن گەپلەر بىلەن نېمە پەرقى بار؟
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىندا دېيىلىۋاتقان 'سىياسىي پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە' دېگەن گەپ، خۇددى بۇرۇن دېيىلگەن گەپلەرگە ئوخشاش يەنىلا ئادەم ئالدايدىغان گەپ. بۇ بەلكى تېخىمۇ مەنتىقىسىز. مەسىلەن، 'دېموكراتىيە' دېگەن خەلق قايسى سىياسى پارتىيىنى يېتەكچى قىلىشنى تاللىۋالىدىغان شەكىل، بۇنىڭدا خەلق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما بۇ يىغىندا 'سىياسىي پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە' دېگەن سۆز ئۇنىڭ تەتۈرى. بۇنىڭدا سىياسىي پارتىيە ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلغان. ماھىيەتتە، ئۇ 'كوممۇنىست پارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە' دېمەكچى. ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يېتەكچىلىكى بار يەردە دېموكراتىيە بولمايدۇ.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىندا دېيىلىۋاتقان 'پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە' دېگەن گەپ يەنىلا پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتتە، دېموكراتىك كۈچلەر تەرەققى قىلالمايدىغان بولغاچقا، سىياسى پارتىيىنىڭ دۆلەت تۇتۇش ئىقتىدارى جەمئىيەتتىكى دېموكراتىك ئاڭدىن تۆۋەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھەدەپ 'دېموكراتىيە' نىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان نىيىتى يوقلۇقىنى ئاشكارىلايدۇ.
خىتايدا ھازىر ماۋزېدۇڭدەك، دېڭ شاۋپىڭدەك نوپۇزلۇق ئادەم يوق
سوئال: ھازىر خەلقئارادا، بۇ تۆتىنچى ئومۇميىغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەر بار. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا 2012 - يىلىدا تەختكە چىقىدىغان رەھبەرنىڭ كىملىكىدىن بىشارەت بېرىلىشى مۇمكىن، دېسە، بەزى مۇلاھىزىچىلەر، بۇ يىغىندا 'شىنجاڭ مەسىلىسى'، بولۇپمۇ ۋاڭ لېچۇەن مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن، دەيدۇ. بۇنداق پەرەزلەرنىڭ قايسى بۇ يىغىننىڭ ئەمەلىي مەزمۇنىغا يېقىن؟
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىندا 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىشىدا يەنە بىر سەۋەبمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، خىتايدا ھازىر ماۋزېدۇڭدەك، دېڭ شاۋپىڭدەك نوپۇزلۇق ئادەم يوق. ھازىرقى رەھبەرلەر پەقەت سىياسىي قاتماللار گۇرۇھى، بۇلار ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلالمايدۇ، ھەممە ئىشتا باشقىلار بىلەن سودىلىشىشقا مۇھتاج. بۇنىڭ بەزىلىرى ھوقۇق تالىشىشتا ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولسا، يىغىندا ئۆز-ئارا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا ئورۇنۇشى مۇمكىن. بۇنى دېموكراتىيە دېگىلى بولمايدۇ.
يېقىندا، دۆلەت ئىچىدە قارشىلىق ھەرىكەتلەر كۆپ، بەلكى ناھايىتى شىددەتلىك. مەسىلەن، ئۈرۈمچى ۋەقەسى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'ئىناق جەمئىيەت' دېگىنى ناھايىتى چوڭ مەسخىرىگە قالدى. ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى خىتايلارمۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەندىن بىزار بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇنداق بىر چوڭ مەسىلە، ۋاڭ لېچۇەندەك مەركەزنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ مەسىلىسى، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر شەھەر سېكرىتارىنى ئالماشتۇرۇش بىلەنلا ھەل بولۇپ كېتەلمەيدۇ.
ھازىرقى كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلارغا چىرىكلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ھوقۇق تۇتۇۋاتقان پارتىيە
مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ھازىرقى كوممۇنىست پارتىيە دېموكراتىيە بىلەن، قانۇن بىلەن ياكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىش يولى بىلەن ھوقۇق تۇتۇۋاتقىنى يوق. بەلكى ئەمەلدارلارغا چىرىكلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ھوقۇق تۇتۇۋاتقان پارتىيە. ھازىرقى ۋاقىت چىرىكلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان تېخىمۇ ياخشى پورسەت. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدا ھازىر ۋاڭ لېچۇەن مەسىلىسىنى ھەل قىلسا، جەمئىيەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەرگە ئىلھام بەرگەنلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ.
خىتايدا ھازىرقى ئەمەلدارلار بەك چىرىكلىشىپ كەتكەن. كوممۇنىست پارتىيە مۇشۇنداق چىرىكلەرگە تايىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىنى بىر تەرەپ قىلسا، خەلق ھەممىلا جايدا شۇنداق قارشىلىق بىلدۈرۈشى مۇمكىن. قالغان چىرىك ئەمەلدارلارنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. دېمەك كوممۇنىست پارتىيە ھازىر مۇقىملىقنى ساقلىيالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، ھازىرقى ۋاقىتتا ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىكنى، بولۇپمۇ مەركەزگە بىۋاستە باغلىنىدىغان ئەمەلدارنى بىر تەرەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ. ئەمما بۇ يىغىندا، ئەمەل تۇتۇش نەپسى تاقىلداپ كېتىۋاتقان چىرىك ئەمەلدارلار جىددىي ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن. بىز بۇنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئەمما چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان مەندەك كىشىلەر ھەممىمىز بۇنداق چىرىك ئەمەلدارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.