ۋاشىنگتوندا 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2012-02-03

ھەر يىلى 5 - فېۋرال كۈنى ۋە ياكى 5 - فېۋرالنىڭ ئالدى - كەينىدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇقىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلدى.

Photo: RFA

ۋاشىنگتوندا 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشتن بىر كۆرۈنۈش


1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى غۇلجىدىكى ياشلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشرەپنى چەكلەپ، بەزى مەشرەپ ئەزالىرىنى سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلغانلىقى، دىنىي كۇرسلارنى تاقىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىشسزلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىنچ نامايىش قىلغان ئىدى. لېكىن، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئەينى ۋاقىتتا نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بىر قانچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئايلارچە ئىز قوغلاپ تۇتۇش، باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا غۇلجىدا ۋەقەدىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇشلاردا مىڭلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، يۈزلىگەن كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئونلىغان كىشىنىڭ ئادالەتسىز سوت ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، بۇ كۈننىڭ ھېسابىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سوراشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. ھەر يىللىق ئەنئەنە بويىچە، مانا بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

Click here to add your own comment

ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﺎﯕﻼﺵ
ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ
ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە سەپكە قاتناشقان ئايال پىدائىيلار ھەققىدە

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇ يىل ئاتالمىش نامراتلار رايونىدىكى 10 مىڭ ئائىلىنى سىرتقا يۆتكەيدىكەن

خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ «ئۆتكۈر خەنجەر» دەك بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئابابەكرى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلدى

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيەدە «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

5 - فېۋرال غۇلجا ياشلىرى نامايىشىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

«5 - فېۋرال ۋەقەسى»نىڭ 15 يىللىقىغا ئاتالغان ئەسەرلەر

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرىلىدى




 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org