1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى غۇلجىدىكى ياشلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشرەپنى چەكلەپ، بەزى مەشرەپ ئەزالىرىنى سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلغانلىقى، دىنىي كۇرسلارنى تاقىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىشسزلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىنچ نامايىش قىلغان ئىدى. لېكىن، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئەينى ۋاقىتتا نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بىر قانچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئايلارچە ئىز قوغلاپ تۇتۇش، باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا غۇلجىدا ۋەقەدىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇشلاردا مىڭلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، يۈزلىگەن كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئونلىغان كىشىنىڭ ئادالەتسىز سوت ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، بۇ كۈننىڭ ھېسابىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سوراشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. ھەر يىللىق ئەنئەنە بويىچە، مانا بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.
