5 - فېۋرال غۇلجا ياشلىرى نامايىشىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

بۇندىن 15يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز زوراۋانلىقلىرىغا قارىتا ئادالەت تەلەپ قىلىپ، تىنچ ھالەتتە نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلغان.

شۇندىن بىرى ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قانلىق كۈننى ئېسىدىن چىقارماي، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ھەر خىل شەكىلدە نارازىلىقلىرىنى ۋە غەزەپ - نەپرەتلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ ھەپتىدە تۇيۇقسىز كەلگەن سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بۇ يىل قىشتىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۈگۈن يەنى - 2ئاينىڭ - 4 كۈنى گېرمانىيەدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار مېيونىخېن شەھىرىدىكى كارىلىسپلاتىس مەيدانىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارماقتا.

ئەسقەرجان نامايىشنىڭ باشلاش سۆزىنى قىلدى.

نامايىشنى گېرمانىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇجېلىل ھاجىم نامايىشنى نېمە ئۈچۈن خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئەمەس، بەلكى ئادەملەر كۆپ ئۆتۈشىدىغان كارىلسپىلاتىس مەيدانىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشەندۈردى.