غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلدى

2012-02-05

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىلدى. تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە، رادئىئو ۋە گېزىت - جۇرناللىرىمنىڭ مۇخلىسلىرى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

RFA/Erkin Tarim

كادىرلار ئۇيۇشمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى. 2012-يىلى 5-فېۋرال، ئەنقەرە.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ خىتاينى بۇ بېسىمنى توختىتىشقا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 450 مىڭ ئەزاسى نامىدىن شۇنداقلا 74 مىليون تۈرك خەلقى نامىدىن قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.kadirlar-oyushmisida-muxpirlarni-kutiwelish-385.jpg

كېيىن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

Click here to add your own comment

ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﺎﯕﻼﺵ
ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ
ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ



 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org