5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە بىر شاھىتنىڭ بايانلىرى (1)

غەرب ئەللىرىدىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بېرىپ، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا گۇۋاھچى بولغان ۋە قايتىپ كەلگىنىگە بىر ھەپتە بولغان بىر خانىم، ئۈرۈمچىدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە كۆرگەن ھەم ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل كۈنى كوچىلارنى ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ قېنىغا بوياپلا قالماي، بەزى جايلاردا پۈتۈن مەھەللىدىكى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىمنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنىڭ بىر قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.