ئىستانبۇلدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئەرەسىن مېھمانخانىسىدا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ئەزا بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ياۋروئاسىيا تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ۋەخپى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە كۆپلىگەن ئاخباراتچىلار تەكلىپ قىلىندى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھامۇت كۆكتۈرك رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئىسمائىل چىنگىز ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سۆز قىلدى.

يىغىنغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى، تۈركىيە پارتىيىسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى، مەزلۇملار جەمئىيىتى، دۇنيا تۈركلىرى ئىرقداش خەلقلەر خىزمەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.