0:00 / 0:00
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە بولغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ھازىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ ئۇيغۇر ياش بىزگە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئۇكىسى بىلەن بىللە قاتناشقانلىقىنى ساقچى ئىدارىسىدا بىر كېچە قىپ يالىڭاچ قىلىنىپ سوتلانغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرى ھەققىدىمۇ بىر قىسىم مەلۇماتلارنى سۆزلەپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلايسىلەر.