فرانسىيىنىڭ Lille شەھىرىدىكى خەلقئارا Tutti - Frutti تەشكىلاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، تۇنجى پائالىيىتىنى ئالدى بىلەن كۆرگەزمە ۋە ئۇيغۇر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، مەزكۈر تەشكىلات، فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنيىتىگە دائىر ماتېرىياللارنى توپلاپ، 16 - نويابىر كۈنىدىن 19 - نويابىر كۈنىگىچە Lille شەھىرىدە 3 كۈن كۆرگەزمە ۋە بىر كۈن مەخسۇس " ئۇيغۇر كېچىلىكى" ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
خەلقئارا Tutti - Frutti تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 25 يىل بولغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. تىبەتلەرنىڭ مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن تەشكىلاتنىڭ رەئىسى مۇھاممەد بوشانې ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.
بىز 5" - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"يۈز بېرىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن بۇ ۋەقە خەۋەر قىلىنغان قەدەر دۇنيادا " ئۇيغۇر " دېگەن بىر مىللەتنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدۇق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز نارازىلىقىنى تېنچ يول بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرۇپلا قالماي، گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرمەكتە. ئەلۋەتتە بۇ خىل قىلمىش بىزنىڭلا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. بىز بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى پائالىيىتىمىزنى باشلىدۇق، بىز بۇنىڭدىن كېيىن مەزلۈم ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ھەرگىز توختاتمايمىز، چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى يوق بولۇپ كېتىش گىردابىغا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ يۈكسەك مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بولغان بۇنداق بىر مىللەتنىڭ ھازىرقىدەك ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشى بىزنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ."
مۇھاممەد بوشانې ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ يالغۇز بۇ قېتىم بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ئەپەندى، Tutti - Frutti تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى " ئۇيغۇر كېچىلىكى " گە فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن 5 كىشىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتقان بۇ تەشكىلات بىلەن خۇشال ھالدا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
