خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتكە بولغان قامالىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ‏ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئىيۇلدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ تېخى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن بىر پەيتتە،يەنە ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان يەرلىك قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ 1 - دىكابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ئىچىدىمۇ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر نۆۋەتلىك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، بۇلار خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقى ھەمدە يەنىمۇ كۆپ ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى، شۇنداقلا بۇ ھەرىكىتىگە،" 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغان" دېگەن باھانىنى كۆرسىتىپ ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم ئابونتلارغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى تارقاتتى دەپ قارىلانغان تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغانلىقى ھەم كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، قاتتىق جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا قاراتقان قامالىنى تېخى بىكار قىلمىغان بىر پەيتتە، شىنخۇا تورىنىڭ 2 - دىكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش نىزامنامىسى نامىدا يەرلىك قانۇننى بېكىتىپ 1 - دىكابىردىن باشلاپ يولغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "ئىنتېرنېتتە 6 خىل زەھەر تارقىتىشنى توساش" دەپ تەرىپلەنگەن بۇ يەرلىك قانۇندا ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە، ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەھدىت ھەم تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى ۋە يەنە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ سۆز ‏- ھەرىكەتلەرنى تارقاتقۇچىلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدە ئېنىق تەدبىرلەر بەلگىلەنگەن.

ئەسلىدىنلا قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا قارىتا يەرلىك قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تۈپ مەقسىتىگە قارىتا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى سەمەت ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادە قىلىپ " بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچلۈك قامال قىلىدىغانلىقىدىن ھەمدە يەنىمۇ كۆپ تور بېكەتلەرنىڭ تاقىلىشىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىدىن قانچىلىك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ..." دەيدۇ.

دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق يوسۇندا بوغۇپ كېلىۋاتقاندىن باشقا يەنە، بۇ خىل ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى شۇنداقلا خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ ھەددىدىن ئاشقان بىر ھەرىكەت دەپ تەنقىد قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، خىتاي مىقياسىدىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك، ئۇچۇر باشقۇرۇشقا دائىر توققۇز ئورگىنى بىرلىكتە بۇ ئايدىن باشلاپ يەنە بىر نۆۋەتلىك ئېنتېرنېتتە سېرىق ھەم قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىكەن.

رادىئومىزنىڭ خىتايچە ئاڭلىتىشىدا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان خىتاي ئىنتېرنېت يازغۇچىسى جۇ شۈگۇاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئېنتېرنېتكە قاراتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى پەقەت سېرىق ئۇچۇر تارقىتىشقا قارىتىلغانلا بولماستىن، ئەمەلىيەتتە پىكىر ئەركىنلىكىنى كۆزىتىش، نازۇك تېما ھەم پىكىرلەرنى بولۇپمۇ سىياسەتكە تاقىشىدىغان بارلىق پىكىر، بايانلارنى يۇيۇپ تازىلاشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكەت" دېدى.

سەمەت ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ مەملىكەت بويىچە دەپ ئېلىپ بارىدىغان بۇ خىلدىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا تېخىمۇ كۈچلۈك مەۋقەدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

قەيسەر ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىمۇ ئىنتېرنېتكە قارىتا كۈچلۈك سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ، پەقەت ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلىدىنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ھۆكۈمەتكە قارىتا قارشى پىكىرلىرىنىڭ كۈچلۈك يوسۇندا مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپىنى ئاشكارىلايدۇ دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دەرۋەقە، 2 - دېكابىر كۈنى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك باش مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ خىتايدا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئۇ ھەقىقەت ئىزدەش ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بايانىدا، "ئىنتېرنېت جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقنى مەقسەت قىلغان سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى، ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۆلەت ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەمدە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇش كېرەك" دېگەن.