ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرى ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىدىن ئېچىنىشلىق

يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبونىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك راي سىناش ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يالغۇز غەرب زىيالىيلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي زىيالىيلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ "خىتاي زىيالىيلىرى سۆز ئەركىنلىكى جىنايىتىگە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرماقتا" ناملىق خەۋىرىدە، خىتايدا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسىرى قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" مۇناسىۋىتى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئارىسىدا ليۇ شاۋبوغا ئوخشايدىغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن ھازىر تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى يەنە، دۇنيا جامائىتى ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىمۇ ليۇ شاۋبوغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.