نامايىشتا ھەممە بىردەك "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتايلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات، خىتايلار ئۈرۈمچىدە بولغان ۋەقەلەرنى دۈنياغا ئېلان قىل! ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختات ! خىتايلار ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا چېقىلما"! دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى.
كېيىن، 300 ئەتراپىدا ياپونلۇق ۋە ئاز ساندا ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا ئوساكا شەھرىنىڭ كوچىلىرىنى ئايلانغان.
بىز نەخمەيدانغا تېلېفون قىلىپ نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى باشلىقى ئىلخام مەخمۇت ئەپەندى بۇ نامايىشنى ئۇيغۇر دوستى ياپونلارنىڭ ئويۇشتۇرغانلىقىنى، بۇ نامايىشنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچۈنجى چوڭ نامايىش ئىكەنلىكىنى، كېلەر ھەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ياپونىيەدە چوڭ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.