0:00 / 0:00
ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر دىيارىدىن 15 يىل بۇرۇن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئابدۇلكېرىم ئۇيغۇر تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك بىئولوگىيە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ، تۈركىيە بويىچە بىئولوگىيىدە ئەڭ ياخشى 20 ئوقۇغۇچىنىڭ قاتارىغا كىرگەن.
مەكتەپ مۇدىرى ئولغۇن گىراينىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلكېرىم ئۇيغۇر ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتلەردە مەكتەپتىكى ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم مانىسا ۋىلايىتىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا بىئولوگىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەييارلىقى ئۈچۈن مەزكۇر قىشلىق مەكتەپكە تاللانغان.