ئافغانىستاندا 8 - ئايدا پېرىزىدېنتلىق سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجىسى 9 - ئايدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدا ئابدۇللاھ ئابدۇللاھنىڭ 31 پىرسەنت ئاۋازغا، خامىت كارزائىنىڭ 48 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، سايلام نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. چۈنكى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى ۋە خامىت كارزائىنىڭ چىرىكلىك قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۆپلەپ ئەرز ۋە تالاش - تارتىشلار بولۇۋاتقان، ھەتتا بۇنىڭغا دائىر ئىسپاتلارمۇ تېپىلغان ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندا سايلامنى قايتا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنىپ، 7 - نويابىر كۈنىگە بېكىتىلگەن ئىدى. ئەمما 1 - نويابىر كۈنى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئۆزىنىڭ سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان سايلام كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. چۈنكى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايلامنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن خامىت كارزائىدىن سايلام كومىتېتىنىڭ بەزى باشلىقلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە خامىت كارزائىدىن جاۋاب ئالالمىغان ئىدى.
ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە سايلامنى قايتا ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ، نەتىجىنىڭ يەنىلا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ قارارىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ئافغان خەلقىگە قىلغان سۆزىدە: "كوچىلارغا چىقىپ بۇنىڭغا نارازىلىق قىلماڭلار. كۆڭلۈڭلارنىمۇ يېرىم قىلماڭلار، بۇنىڭ قېيىنلىقىنى بىلىمەن، ئەمما بىز دېموكراتىك بىر شارائىتتا ياشىمايۋاتىمىز. ئەمما كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،" دەيدۇ.
سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈنۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خامىت كارزائىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇنىڭغا ھاكىمىيەتنىڭ تۈزىتىلىشى، دۆلەتتىكى چىرىكلىكنىڭ يوقۇتۇلۇشى ۋە خەۋپسزلىك كۈچلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى ھەققىدە قاتتىق سۆزلەرنى قىلغان. خامىت كارزائىمۇ باراك ئوباماغا بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن. ئوباما بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا قىلغان سۆزىدە : "كارزائىي ماڭا ئافغانىستاننىڭ ھازىر قانچىلىك مۇھىم بىر پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئافغانىستاندىكى چىرىكلىك بىلەن مۇجادىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئەمما مەن ۋەدىگە ئەمەس، ئەمەلىيەتكە قارايدىغانلىقىمنى تەكىتلىدىم،" دېدى.
كارزائىنىڭ قايتىدىن ئافغانىستاننىڭ پرېزىدېنتى بولغانلىقىغا خەلقئارادىكى چوڭ مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ يەر بېرىلدى ۋە ئوخشىمايدىغان پىكىرلەر بارلىققا كەلدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان چوڭ گېزىتلەردىن نيۇيورك ۋاقتى ۋە لوس ئانجېلىس ۋاقتى قاتارلىق گېزىتلەر ھەممىسى بىردەك ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئافغانىستاندىكى چىرىكلىك بىلەن مۇجادىلە قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى يەرلىك كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدى: "ئەگەر ئوباما ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشنى خالىمىسا، چىرىكلىككە كۆز يۇمۇپ كارزائىينى قوللاشتىن باشقا چارىسى يوق. ئوباما بىر ياندىن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچىسە، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك كۈچلەر ۋە يەرلىك رەھبەرلەر بىلەنمۇ ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قىلغان ياردەملىرىنىڭ خامىت كارزائىي ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئافغانىستاندا تېنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە تالىباننىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئازايتىشنىڭ بىردىن - بىر چارىسى قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان ۋە خەلقنى ھەقىقىي ئويلايدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدۇر."
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان مۇستەقىللىق گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە : "ساختىپەز، خىيانەتچى ۋە ھۆرمىتى قالمىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ غەلىبىسى" دەپ ماۋزۇ قويدى ۋە مۇنداق دەپ يازىدى: " ئافغانىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى بۇ سايلام ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ھەممە كىشى ئۈچۈن بىر پالاكەت ھېسابلىنىدۇ. ئىچكىرى ۋە تاشقىرىدىكى قوللىغۇچىلىرى بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا ئۇنىڭ ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇتۇپ چىققانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما خامىت كارزائىي يەنە 5 يىل بۇ دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلدى."
ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى خامىت كارزائىينى رىقابەتچىسى ئابدۇللا ئابدۇللاھ بىلەن ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەت قۇرۇشقا زورلىشى كېرەك. بۇ ھېچ بولمىغاندا خامىت كارزائىينىڭ دۆلەتنى يالغۇز باشقۇرغىنىدىن ياخشى.
مۇستەقىللىق گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: "ئوباما دۇنيانىڭ ئەڭ چېرىكلەشكەن ھاكىمىيىتىنى قوللايمەن دەپ ئافغانىستانغا يەنە ئەسكەر ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ" دەپ يازىدى.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان گاردىيان گېزىتىمۇ خەلق ۋە ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كارزائىينى ساختىپەز دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بەدىلىنى يەنە شۇ ئافغان خەلقىنىڭ ئۆتەيدىغانلىقىنى يازدى.
