شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ 3-ماي كۈنىدىكى يىغىنىدا چۈشكەن بىر قىسىم پەرقلىق تەكلىپ پىكىرلەر

بۈگۈن، 3-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇزاكىرە يىغىنىدا كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

0:00 / 0:00

يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكىلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى شون روبېرتس، ئاندىن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، سىياسىي پائالىيەتچى ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە بۈگۈن ئوتتۇرىغا چۈشكەن تەكلىپلەر ھەر خىل، مەزمۇنى ناھايىتى ئەتراپلىق، مەن بۇلارنىڭ دىققىتىمنى تارتقان ۋە مۇھىم دەپ قارىغان بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

بۈگۈن دىققەتنى ئەڭ تارتقان تەكلىپ پىكىرلەردىن بىرى ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرتسنىڭ سۆزلىرى بولدى. شون روبېرتس ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرى، بۇ تەرەققىياتنىڭ يەرلىك خەلققە كۆرسىتىۋاتقان تەھدىتنى ھەم بۇ تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى.

شون روبېرتس دەيدۇكى، «دۇنيادا بۈگۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى يالغۇز خىتايدا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىمۇ بار، بۇ خىل پىلانلارنى ب د ت مۇ قوللايدۇ، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي قۇرۇلاشلارمۇ قوللايدۇ ۋە قوللاپ نۇرغۇنلىغان پۇل ئاجرىتىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ تەرەققىيات پىلانى دۇنيادىكى باشقا تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ ئەكسىچە يۆلىنىشتە كېتىپ بارىدۇ ، يەنى بۇ تەرەققىيات پىلاننى ئۇيغۇرلارنى ئۆي/ماكانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئىشىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، كېلەچىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش قاتارلىق مىللىي مەۋجۇدىيەتكە تەھدىت سالىدىغان شەكىلدە كېتىپ بارىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت غا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا خىتاينىڭ مۇشۇ تەرەققىيات پىلانىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە خەتىرىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك».

شون روبېرتسنىڭ يەنە دېگىنى شۇكى، ھازىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بۇ خىل مەبلەغ سالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ شىركەتلەرگە، بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك، بۇ شىركەتلەر بۇ رايونغا مەبلەغ سالسا ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك.

شون روبېرتسنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ يەرلىك خەلقلىرى ئىكەنلىكىنىمۇ رەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق چەتئەل شىركەتلىرىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىۋاتىدۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ھەر خىل يوللار بىلەن، ھەتتا بېسىم شەكىللەندۈرۈشى بىلەن بولسىمۇ بىلدۈرۈش كېرەك.

يىغىندا سۆز قىلغان يەنە بىر مۇھىم پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل، « شىمالى ئامېرىكىدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن تىبەت داۋاسى ئارىسىدا بىر سېلىشتۇرما ئېلىپ باردى ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىدا تونۇلۇش تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكىلىق دۆلەت ئەربابلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان، مۇھىم قاتلاملاردا كەڭ دەرىجىدە بىلىنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەرگە نىسبەتەن خەلق ئىچىدە تونۇلۇشى ئۇلاردەك كەڭرى ئەمەسلىكىنى، ئەمما دۆلەت ئەربابلىرى ئارىسىدا تونۇلۇشىنىڭ بولسا، تىبەتلىكلەردىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتىنى بۇرۇنقىدەك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ئاڭلىتىشتىن ھۆكۈمەت ئىچىگە، دۆلەت مەجلىسىگە ئاڭلىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئالغان بىر قىسىم قارارلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىمۇ تەستىقلىنىش ۋە قانۇنلىشىش ئىمكانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇرى تۈركەل تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە سۆزلىگەن چېغىدا تىبەتلىكلەرنىڭ ھەرىكەتنى تۆۋەندىن باشلىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا، ھەرىكەتنى يۇقىرىدىن باشلىغانلىقىنى، يەنى ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىپ ۋە تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز نۇرى تۈكەلدىن «بۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولدى» دەپ سورىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ ، «خىتاينىڭ تەشۋىقاتى دەپ جاۋاب» بەردى. نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغاندا ھە دېگەندىلا مەسىلىنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ تونۇتتى مانا بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي شەكىلدە دىققەت بېرىشىغا سەۋەب بولدى.

ئەلۋەتتە بۇ يەردە نۇري تۈركەل ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى قىلىپ تونۇشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە توختالمىدى.

ئەمما پەرەز قىلىشىمىزچە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەتەن داۋاسى مەسىلىسىدىكى بىر قىسىم، قەتئىي مەيدانى ۋە كەسكىن ئىنكاسلىرى بۇ يەردە مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

يىغىندا سۆز قىلغان يەنە بىر پائالىيەتچى، ياپونىيىدىن كەلگەن مۇختەر ئابدۇقادىر. مۇختەر ئابدۇقادىر، ياپونىيىنىڭ دۇنيادا خىتاي بىلەن جىددىي مەسىلىلىرى بولغان دۆلەتلەرنى بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ خىتاينىڭ، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىنمايدىغان بىر دۆلەت بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مۇختەر ئابدۇقادىر، ئەگەر ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك بىر تەشكىللىنىش شەكىللەنسە، ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پائالىيەتلىرىنى ياپونىيىگە كۆپرەك مەركەزلەشتۈرگەن ئەھۋالدا ياپونىيىدە ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى بايان قىلدى. مۇختەر ئابدۇقادىر، ياپونىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ياپونىيىدىكى سىياسىي كۆز قاراش جەھەتتىكى ئوڭچى قاناتلاردىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، چۈنكى ئوڭچى يەنى كونسىرىۋاتىپلار ئارىسىدا پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇشتىن باشقا، نۇرغۇن كارخانىچى ۋە سودىگەرلەرنىڭ بارلىقىنى ، بۇلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ۋە بۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا گېرمانىيىدىن كەلگەن دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنجان ئاتاۋۇللا سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ، دىن ۋە مىللەت ھالقىغان ، ئىنسانىي بىر داۋا ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئىنسانىي بىر تەلەپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمان كىملىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى مەلۇم بىر گۇرۇپپىلارغا باغلاپ، قارىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىمۇ بەزىلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتتىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، جۈملىدىن ئىسلامى كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر زىيانلىق قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى، ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن قوغدايدىغان قورغان ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قورال بولۇشتىن باشقا دۇنيادىكى ھېچ بىر دۆلەتكە تەھدىت ئەمەسلىكىنى، بۇنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكىنى تەكىتلىدى.

يەنە، تۇرغۇنجان ئەپەندىنىڭ «مۇسۇلمانلىقىمىز پەخرىمىز ۋە بايلىقىمىز، بىزنىڭ بۇ كىملىكىمىز، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشۈرۈش ھەم ھەمكارلىشىشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى مۇمكىنكى زىيانلىق، ئەمەس، ئىسلامى كىملىكىمىزگە ساھىب چىقايلى» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلدى.

ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيەتچى نۇرمەمەت مىجىت ئاۋسترالىيىنىڭ بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى، مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت سىياسىي ئىرادىسىنى ئاشكارا بايان قىلىشتىمۇ بىر چەكلىمە يوقلۇقىنى، چۈنكى ئاۋسترالىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن خىتايغا باغلىنىپ قالغان بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ يىغىندا قىلغان يەنە بىر مۇھىم سۆزى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرۈشى، زور بىر ئىقتىسادىي كۈچكە موھتاج، بۇ ئىقتىسادنى بەدەل پۇلى ياكى ئىئانە ئارقىلىق تولۇقلاپ بولۇش مۇمكىنسىز، شۇڭا چوقۇم، بۇ ئىقتىسادىي مەنبەنى تولۇقلاش ۋە ئۈزلۈكسىزلەشتۈرۈشنىڭ ھەر خىل چارىلىرى تەڭ قوللىنىلىشى كېرەك، دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم بۈگۈنكى يىغىندا ئەڭ دىققەتنى تارتقان پىكىر شون روبېرتسنىڭ نوپۇس ھەققىدىكى پىكىرلىرى بولدى. شون روبېرتس دېدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل شەرقى تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى، ئۇيغۇرلار بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن رايوندىكى نوپۇس نىسبىتىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قوغدىشى كېرەك ۋە بۇنى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولالامدۇ؟ بولالمامدۇ؟ دېگەن نۇقتىدا قاراش كېرەك دېدى.

بۇ خىل پىكىر بۇرۇن بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەسىلەن، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بۇلتۇر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شەرقى تۈركىستاندىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە، نوپۇس مەسىلىسى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشىنى توختىتىش ئەڭ بولمىغاندا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، كېرەك دېگەن ئىدى.