كلىنتون خانىم :" ئادەم بېدىكچىلىكى ھازىرقى زاماندىكى قۇللۇق تۈزۈم "
[ دوكلاتنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمOpens in new window ]
ۋە مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى لۇئسى دېباكا قاتارلىقلار ئىمزا قويۇپ تارقاتقان بولۇپ، ھىلارىي كلىنتون خانىم مەزكۇر دوكلاتقا قوشۇمچە قىلغان ئىلاۋىسىدە ئادەم بېدىكچىلىكىنى " ھازىرقى زاماندىكى قۇللۇق تۈزۈم " دەپ سۈرەتلىگەن ۋە " بىز ئادەم بېدىكچىلىكىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشتا دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمىز،" دېگەن.
كلىنتون خانىم نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئالغان ئىقتىسادى كرىزىس سەۋەبىدىن كۆپىيىشى مۇمكىن بولغان كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتە ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچراش خەتىرى ئاشقانلىقى، شۇ سەۋەبىدىن ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ زور دىققەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلات 16 - ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.
"خىتاي، مەجبۇرىي جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش مەقسەتلىرىدە سېتىلىدىغان ئەر - ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مەنبەسى"
دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىدا "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش مەقسەتلىرىدە سېتىلىدىغان ئەر - ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مەنبەسى، مەنزىلى ۋە ئۆتۈش بېكىتى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئادەم بېدىكچىلىك قىلمىشلىرى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە سادىر قىلىنغاندىن سىرت يەنە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئافرىقا، ئاسىيانىڭ باشقا ئەللىرى، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، لاتىن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قاتارلىق قىتئە ۋە رايونلارغا ئالداپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ: “" ئاياللار شتاتلىق خىزمەتتىن ئىبارەت ساختا ۋەدىلەر بىلەن ئالدىنىپ، تەيۋەن، تايلاند، مالايشىيا ۋە ياپون قاتارلىق ئەللەردە جىنسىي قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ”" دېيىلگەن. دوكلاتتا ئادەم بېدىكچىلىكى ھەققىدە بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا قارىغاندا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قورامىغا توشمىغانلارنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارمۇ ئادەم بېدىكچىلىكىگە ياتىدىكەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئادەم بېدىكچىلىك قىلمىشلىرى ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ توختالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ "ئەمگەك ئارقىلىق ئۆگىنىش" پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، "مىڭلىغان يەرلىك ئوقۇغۇچىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە" سالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
"يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قورامىغا توشمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايدىكى بىر ئاياق زاۋۇتىغا ئىشلەشكە ئېلىپ كەلدى"
دوكلاتتا يەنە، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قورامىغا توشمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىلىرىنى چوڭ قىزلارنىڭكى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە بۇ قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قىزلارنى جەنۇبىي خىتايدىكى بىر ئاياق زاۋۇتىغا ئىشلەشكە ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بولمىغان ئېتنىك دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھاشارغا سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ئادەم بېدىكچىلىك قىلمىشلىرى 2005 - يىلىدىن 2009 - يىلىغا كەلگىچە ئوخشاش ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، ئادەم بېدىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئادەم بېدىكچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن، نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئادەم بېدىكچىلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەر بېرىلگەن.
دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 2008 - يىلى جەرياندىلا 2566 ئادەم بېدىكچىلىك دېلوسىنى ئەنگە ئالغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي رايونلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ يانچۇقچىلىققا سېلىنغان 746 نەپەر بالا قۇتۇلدۇرغان ۋە 177 گۇماندارنى قولغا ئالغان.
"خىتايدا ئادەم بېدىكچىلىك قۇربانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركەزلىرى يېتەرسىز"
ھالبۇكى، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە خىتايدىكى ئادەم بېدىكچىلىك قۇربانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پسىخىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدىغان مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبلىك قۇتۇلدۇرۇلغان ئادەم بېدىكچىلىكى قۇربانلىرىنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمەت ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى دىرېكتورى لۇئسى دېباكا ئادەم بېدىكچىلىكى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ " مەيلى قاچانلا بولسۇن ئادەم بېدىكچىلىكى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، بۇ بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىدۇ" دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى 2001 - يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ئادەم بېدىكچىلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل دوكلات ئېلان قىلىش بۇ يىل 9 - يىلىغا قەدەم قويدى.