شۇنداقلا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپتا بەلگىلىگەن ئوقۇش مۇددىتىنى تاماملاشتىن ئىلگىرى ھەر قانداق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلات:"ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياش - ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەلىم بېرىش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ"
دوكلاتنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل چەكلەش سىياسىتىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى سۈرگەن ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشتىن چەكلەنمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت باياناتلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياش - ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەلىم بېرىشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھەمدە، بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا 37 نەپەر ئوقۇغۇچىغا دىنىي تەلىم بەرگەن ئامىنە مۆمىش ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئامىنەنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى ئامىنەنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا بۇ خىلدىكى تۈزۈملەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەتتا بېشىغا ياغلىق ئارتىشنىڭمۇ جەرىمانە قويۇلۇش بىلەن جازالىنىدىغانلىقى ۋە بۇ خىلدىكى تۈزۈملەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتىنى كونترول قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغانلىقى، ھەمدە بۇ بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا تاپشۇرۇشقا قىستالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئالىم سېيىتوف ": بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ"
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پروگراممىسىنى ئىشلەۋاتقان ئالىم سېيىتوفنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى يىللىق دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاخىرقى قىسىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەلەپلەر قويۇلغاندىن سىرت يەنە ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بەرگەن تەكلىپ تەۋسىيىلىرى بېرىلگەن.
دوكلاتتا خىتايغا قارىتىلغان تەلەپلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
"خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى ئېتىقادى ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان دۆلەت بۇيرۇقى چۈشۈرۈشى كېرەك"
خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقادىنى ئاشكارا يوسۇندا كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە قارشى ھالدا قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشى، ھۆكۈمەت بارلىق ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد تەلىمىنى ئاشكارا ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىنى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادى بۇيىچە دىن ۋە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر دۆلەت بۇيرۇقى چۈشۈرۈشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن .
دوكلاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان تەلەپ - پىكىرلىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىك ئالاقىسىدا قانۇننىڭ رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۇچۇن خىتاي ھۆكۈمىتى 1998 - يىلى ئىمزا قويغان"پۇقرالارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇق خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى" نى خىتايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكلىپى بېرىلگەن.
"ئۈرۈمچى ۋە لخاسا شەھەرلىرىدە كونسۇلخانا ئىچىشنى جىددىي تەلەپ قىلىشى كېرەك"
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىغىچە كېڭەيتىشى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋە لخاسا شەھەرلىرىدە كونسۇلخانا ئىچىشنى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جىددىي تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئالاقىسىدا يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، تىبەت راھىبلار دۇچار بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىش، مەزكۇر رايوندىن كەلگەن دىنىي ۋە باشقا رەھبەرلەرنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئۆلچەملىرى بۇيىچە دىنىي ئەركىنلىككە بولغان چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئېتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ تەكلىپلەر ھەققىدە توختالغان ئالىم سېيىتوف بۇ خىلدىكى تەكلىپلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى دوكلاتلىرىدا كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسىتىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ ئىشەنچلىك رەۋىشتە ئاشكارىلاشتا ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.