خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندىن دىققەت قىلىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك
دۆلەت ئاپپاراتلىرىمۇ كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بۇيانقى جەمئىيەت ئەھۋالى ھەققىدىكى تولۇقلىما مەلۇماتلار بۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
"شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيمەكتە"
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۇ يىل 31 - ئۆكتەبىر 2008 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي جەمئىيىتىدە ھەر تەرەپلەردىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئىلى خەلقى 2008 - يىلى كىرگەندىن بۇيان يولۇققان ھەمدە تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولغان ۋەقە - ھادىسىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تور بېتىدە 31 - ئۆكتەبىردىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان چەكلەش خاراكتېرىدىكى ھەر خىل تەدبىرلىرى ھەققىدە: " شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيمەكتە" ناملىق بىر تولۇقلىما مەلۇمات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تولۇقلىما مەلۇماتلاردا، ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بۇيان ھەرخىل چەكلەش خاراكتېرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ ئۆزلىرى بۇ يىل 31 - ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدىمۇ كۆرسىتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە: "بۇ يىل بېشىدا 2008 - يىللىق ئولىمپىك يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا بۇ رايوندا باستۇرۇش قىلمىشلىرى كۈچەيتىلگەن ئىدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغان
تولۇقلىما مەلۇماتتا يەنە، ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەردىن كىيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە، مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىشى گۇمان قىلىنغان بارلىق تەھدىتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش يوليورۇقى بەرگەنلىكى ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە "غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ سەۋەبچى" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دەرۋەقە بۇ يىل سېنتەبىردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى، 10 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان كادىرلار يىغىنىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رابىيە قادىر خانىمنى " دۆلەت ساتقۇنى ۋە غەربنىڭ غالچىسى" دەپ ھاقارەتلىگەن بولسا، ئامېرىكىنى غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ كاتتىۋېشى دەپ سۈرەتلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان تولۇقلىما مەلۇمات "بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەتلەر كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلدى، ھەرىكەتلەر ئوقۇغۇچىلارغا ۋە مەكتەپلەرگە قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلدى ۋە دىنغا قارىتىلغان كونتروللۇق" دېگەن ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.
تولۇقلىما مەلۇماتنىڭ "بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەتلەر كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلدى" دېگەن قىسىمدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "يەرلىك ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتلەر بىخەتەرلىك تەدبىرىنى كۈچەيتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى."
11 - ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان سىياسىي ھەرىكەتلەر
مەلۇماتنىڭ بۇ قىسمىدا 11 - ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە تەشۋىقاتلار، بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن نەقىل قىلىنغان ھەمدە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا "مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش" توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەردىن نەقىل قىلىپ مىسال بىلەن كۆرسىتىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز ئالدىغا يولغا قويغان "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش"، "ئىككى ئايلىق بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەشۋىقات تەربىيىسى" قاتارلىقلار، بۇ ھەقتە خىتاي ئاخباراتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مىسال كۆرسىتىلىپ يورۇتۇپ بېرىلگەن.
مەلۇماتنىڭ بۇ خىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپلەرگە قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە" بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش" قاتارلىق تەربىيىلەرنىڭ قايتا كۈچەيتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى دائىمىي ھەيئىتى ئەركىنجان تۇراخۇننىڭ "مائارىپ سىستېمىسى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم ئالدىنقى سەپ" دەپ ئېيتقانلىرى مىسال قىلىنغان.
مەلۇماتنىڭ "دىنغا قارىتىلغان كونتروللۇق" دېگەن قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ، 11 - ئايدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىغا دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش، دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى دائىمىي ئەزاسى شەۋكەت ئىمىننىڭ بىرلىك سەپ بۆلۈمى كادىرلىرى ۋە ئىسلام جەمئىيەت تارماقلىرىنى، دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان "يېتەكلەش"ۋە "تەربىيىلەش" تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر نەقىل قىلىنغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، خىتاينىڭ دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە مەسلىھەت بېرىدىغان مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتى بولۇپ، بۇ كومىتېت ھەر يىلى خىتاي ئىشلىرى ھەققىدە يىللىق دوكلاتلار ئېلان قىلىپ ھەمدە بۇ خىلدىكى دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە.