بۇ يىللىق دوكلاتتا، خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش سىياسىتى بىلەن قوش قىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇردى. ئەمما بۇ تەرەققىيات ئۇيغۇر رايونىغا بىر مۇنچىلىغان مەسىلىلەرنى تۇغدۇردى. بۇنىڭ بىرىنچىسى خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى.
خىتاي كۆچمەنلىرى تەرەققىياتتىن ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن بەھرىمان بولدى، يەرلىك خەلق بۇ تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولالمىدى، يەرلىك خەلق يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قېلىش بىلەن بىللە كۆچمەنلەر تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. مۇقىملىقنى ساقلاش نامى ئاستىدا يەرلىك خەلققە قارىتىلغان بېسىم ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى.
دوكلات يەنە، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىدە يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش شۇئار قىلغانلىقىنى، ئىجرا قىلىشتا بولسا ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن يۆتكەشتە، قانداقتۇر، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەس، شىنجاڭدا مۇقىملىق ساقلاشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
دوكلاتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بابىدا يەنە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يولغا قويۇلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىمۇ تەنقىدلەنگەن ۋە مۇنداق دېيىلگەن: "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دوكلاتىدا، رايوندا 2008 - يىلى 2007 - يىلىغا نىسبەتەن 65000 بوۋاقنىڭ كەم تۇغۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، بۇ خىتاينىڭ بالا ئالدۇرۇش قاتارلىق پىلانلىق تۇغۇت چارىلىرىنى مەجبۇرىي يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا رايوندا يەرلىك نوپۇسنى ئازايتىشنىڭ بىر چارىسى."
دوكلاتنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان قىسمىدا مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى قوش تىللىق مائارىپنى تېز قەدەمدە كېڭەيتىۋاتىدۇ. نامدا قوش تىللىق ئاتالغان بۇ مائارىپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يەرلىك تىلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4 - بۆلۈم 10 ماددىسىدا، خىتاينىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئاپتونومىيە قانۇنىنى يولغا قويىدىغانلىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قوغدايدىغان ۋە تەرەققى قىلدۈرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 37 - ماددىسىدا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا بولىدۇ دېيىلگەن. بىراق ئۇنداق ئىجرا قىلىنمىدى. خىتاينىڭ قانۇن ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلمايدۇ، يەرلىك خەلق ئالي مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشتە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكنىڭ ئالدى - كەينىدە مۇقىملىق نامى ئاستىدا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى يېتەرلىك پاكىتى بولماي تۇرۇپ، تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، خىتاينىڭ يەنە ئۇيغۇرلارغا ئۆز ۋەتىنى ئىچىدىلا ئەمەس، ۋەتەن سىرتىدىمۇ ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ھاياتىغا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىخەتەرلىكىگە دەخلى - تەرۈز يەتكۈزىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ خەلقئارا كېلىشىملەر بۇيىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش ئۆتكۈزۈش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە يول قۇيۇشى كېرەكلىكى، ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇنىڭغا خىلاپ ھالدا، بۇ يىل 3 - ئايدا خوتەن ئاياللار نامايىشىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقى، نامايىشچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھازىرغىچە يوشۇرۇن تۇتۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا يەنە، توختى مۇزات، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، ئابدۇللا جامال، ئابدۇخېلىل زۇنۇن، نۇرمەمەت ياسىن ۋە كۈرەش ھۈسەيىنلەر بىلەن بىر قاتاردا، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى مەھبۇبە ئابلەشمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىگە پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە مەخسۇس توختالغان بولۇپ، خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن باشقا ئايشەم كېرىم ۋە روزى مەمەت قاتارلىق كىشىلەرنىڭمۇ، رابىيە خانىم ئائىلىسى بىلەن يېقىنلىقى سەۋەبلىك 7 ئاي نەزەربەند قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئادەتتە ھۆكۈمەت ۋە مەجلىسنى خىتاي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلىشىگە دوكلات ھازىرلاش ۋە پىكىر توپلاش يولى بىلەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ قېتىمقى دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق كۈزىتىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.