دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇننى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ۋە يېڭى خىتاي سېكرېتار جاڭ چۈنشيەننىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش مەلۇماتلار بېرىلگەن.
بۇ يىللىق دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھالقىما تەرەققىيات پىلانى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق پايدىلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر رايونىدىكى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، كۆچمەن يۆتكەش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ئاز سانلىق ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قېلىشتەك خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بىز بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، دوكلاتتا ئېيتىلغان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق بولۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چوڭلۇقىنى، ئەمما بۇنىڭ يالغۇز مەسىلە بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يەنە، بۇ خىل دوكلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەلىي مەنپەئەتلىرىنىڭ زورلۇقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.