ئامېرىكا ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتى: ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئەتكەسچىلىكنىڭ قۇربانى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ 2007 ‏ - يىلقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بۇ يىلمۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتىكى دىققەتكە سازاۋەر مەزمۇنلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

" ئۇيغۇر قىزلىرى شەرقىي خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا "

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا خىتاينى"بالىلار، ئاياللار ۋە ئەرلەرنى جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەقسەت قىلىنغان ئادەم ئەتكەسچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەنبەسى، ئۆتكۈنچى بېكىتى ۋە ئاخىرقى مەنزىلى" دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2007 ‏ - يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىك ھەرىكىتىنى چەكلەش خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، لېكىن يەنىلا ئەتكەسچىلىكنى چەكلەشنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئۆلچىمىگە يېتەلمىگەنلىكى، ھۆكۈمەت ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش پىلانى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنى ئىجرا قىلىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پىلان پەقەت جىنسىي ئەتكەسچىلىكنىڭ قۇربانى ئاياللارغىلا قارىتىلغانلىقى، ئەمگەك ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانلىرىنى ياكى جىنسىي ئەتكەسچىلىكنىڭ ئەر قۇربانلىرىنى ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

دوكلاتتا، جىنسىي ئەتكەسچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر ئىچىدە خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك كىملىكسىز مۇساپىر ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلار ئەتكەسچىلەرنىڭ ئەڭ ئاسان ئوۋلاش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇر بالىلار ۋە ياشلىرىنىڭ بولسا ئىچكى ئۆلكىلەردە قانۇنسىز ئىشلار شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى. دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ، " شىنجاڭ ئۆلكىسىدىن بەزى بالىلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى گۆرۈگە ئېلىنىپ ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردە مەجبۇرىي تىلەمچىلىك ۋە يانچۇقچىلىققا سېلىنماقتا. چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە ياش ئاياللار ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىكى ئەمگەك پروگراممىسى بۇيىچە شەرقىي خىتايدىكى زاۋۇتلاردا يالغان ۋەدىلەر ۋە نورمال مۇئاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن پۇلغا ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا ".

ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش پىلانى "مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بىر سىياسى پىلاندەك كۆرۈنمەكتە"

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، باش ئەلچى مارك لاگون چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچىلىك دەلىللەر بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لاگون، "بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشەنچىلىك دەلىللەر بار " دەيدۇ. ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ "كىملەرگە ئائىت "؟ دېگەن سوئالىغا "شىنجاڭدىن كەلگەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئائىت " دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى دۇڭگۈەندە يۈز بەرگەن بالىلارنى ئەمگەككە سېلىش ۋەقەسىگە ئائىت بايانلاردا بولغاندا تەكىتلەيدۇ. لاگون ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىز - چوكانلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زور كۆلەملىك يۆتكەش پىلانى "مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بىر سىياسى پىلاندەك كۆرۈنمەكتە" دېگەن ئىدى. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىچكىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسنى كۆپەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ياشلار ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگون يەنە، " بۇ ئىشلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بىر قىسىم جىددىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خەن كۆچمەنلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان غەربتىكى بۇ رايونغا يۆتكەپ خىزمەت بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ناچار ئىشلارغا سېلىنىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر قىزلار بولسا شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسنى كۆپەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ياشلار ئىكەنلىكى گۇمان قوزغىغان. بەزى ئاساسلار بۇ ئىشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىشىدىكى بىر پروگرامما ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە " دەيدۇ.

لاگون بۇ پىلاننىڭ ئەمگەك ئەتكەسچىلىكىگە كىرىش - كىرمەسلىكىدە تالاش - تارتىش بارلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

" ئەمگەك پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشمۇ، ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانى ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويۇشمۇ ؟ "

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى تەنقىدلىگەن، بۇ پىلاننى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش، ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئەتكەسچىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان غەرەزلىك پىلان، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. مارك لاگون مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ئېھتىماللىقنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ،"بۇ يەردىكى مەسىلە بۇ پىلان ھۆكۈمەت ئېيتقاندەك كىشىلەرگە ئەمگەك پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ياخشى خىزمەت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغانمۇ ياكى خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتلىرى ئېيتقاندەك بۇ كىشىلەرنى غەرەزلىك ھالدا ئەمگەك ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانى ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويۇشمۇ ؟"

دوكلاتتا يەنە، ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن خىتاي نوپۇسىدىكى جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ مۇناسىۋىتى تەكىتلەنگەن بولۇپ، "ئەگەر خىتاينىڭ جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىقى يەنى ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئەرلەردىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىدىكى تەسىرىگە باھا بېرىش قىيىنغا توختىماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى تەسىر قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ " دېيىلگەن.

مارك لاگون چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ئالاھىدە خەۋپ ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، " ئىستىبدات ھاكىمىيەت، ناچار ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى شارائىتلار تۈپەيلى يۈرتىنى تاشلاپ چىققان شىمالىي كورىيىلىك بۇ كىشىلەر، خىتايدا كۆچمەنلىك يولىنى ئىزدىمەكتە. لېكىن ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بۇ كىشىلەر دىدەكلەر سۈپىتىدە خوتۇنلۇققا سېتىلماقتا "دەپ كۆرسەتتى.

" خىتاي ئەمگەك ئەتكەسچىلىرىنى، ھەمكارلاشقۇچى ئەمەلدارلارنى جازالىشى كېرەك "

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، خىتايدا تەخمىنەن 300 مىڭ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت شىمالىي كورىيىگە قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا كۈن كەچۈرمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتايغا بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن.

بۇ تەكلىپلەر ئىچىدە يەرلىك ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنى مالىيە بىلەن تەمىنلەش، ئەتكەسچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش، ئەمگەك ئەتكەسچىلىرىنى، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقۇچى ئەمەلدارلارنى جازالاش، ئەمگەك ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلار بار.