رۇسىيە، ياپونىيىلەرمۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈۋاتقان دائىرىدە مەشىق باشلىدى

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا، خىتاي شەرقىي دېڭىزدا ھەربىي مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، رۇسىيە، ياپونىيىلەرمۇ كورىيە يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا ھەربىي مەشىق باشلىدى.

0:00 / 0:00

'جەنۇبىي خىتاي سەھەر ' گېزىتى ۋە تەيۋەندە چىقىدىغان 'مەركەز گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە يىللاردىن بۇيان سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە مەشق ئۆتكۈزىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىتتا ئۆزگۈرۈش بولمىدى، پەقەت دەرىجىسى ئۆرلىتىلگەن ئىدى.

بۇ ۋاقىت، دۇنيانىڭ دىققىتى دەل جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى شىمالى كورىيە تەرىپىدىن چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ۋەقەدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىككە مەركەزلىشىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا دىپلوماتىيە جىددىيلىكى پەيدا بولدى.

خىتاي ئارمىيىسى بۇيىل ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشقنى 10 كۈن ئالدىغا سۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ بۇيىل ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشىقىنى 10 كۈن ئالدىغا سۈرۈپ، 6‏ - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 7‏ - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە شەرقىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەشىقنىڭ رېئال ئوق ئېتىش مەشىقى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيىمۇ، ياپونىيىمۇ كورىيە يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا ھەربىي مەشىق باشلىدى

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تىنچ ئوكيان پىلوتى بىلەن سىبېرىيە قوماندانلىق شىتابى بىرلىكتە ياپون دېڭىزىدىن كورىيە يېرىم ئارىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 29‏ - ئىيۇندىن 8‏ - ئىيۇلغىچە ھەربى مەشىق ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭغا 20 مىڭ ئەسكەر، 70 ئۇرۇشچى ئايروپىلان، 30 ھەربىي پاراخوت قاتناشتۇرۇلىدۇ دەپ جاكارلىدى.

تەيۋەندە چىقىدىغان 'مەركەز گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىمۇ كورىيە يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا ھەربىي مەشىق باشلىدى.

سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مەشق خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىدىغان مەشق

خۇددى ئامېرىكا ئاۋازى بايان قىلغاندەك، ھەرىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مەشىقى، خىتاينىڭ لياۋدوڭ يېرىم ئارىلى ۋە تيەنجىن -بېيجىڭ رايونىغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان، بەلكى بىۋاستە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىدىغان مەشق. خىتاي شەرقى دېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئېتىش مەشىقى بولسا، تەيۋەن ئارىلىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ چۆكتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەشق.

بۇ ھەربى مەشق باشلانغاندىلا، خۇددى رويترس ئاگېنتلىقى بايان قىلغاندەك، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تەشۋىشلەنگەن ھالدا، ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈۋاتقان تەرەپلەرنى 'ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك، رايون خاراكتېرلىق جىددىيلىك پەيدا قىلماسلىقى كېرەك' دەپ جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشىقنىڭ ۋاقىتىنى ئۇزارتتى

ھازىر ئامېرىكا بىلەن كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مەشىقى، خىتاينىڭ شەرقى دېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئېتىش مەشىقى، رۇسىيە ۋە ياپونىيىلەرنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مەشىقى، ھەممىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ. گەرچە ھازىر ھېچقايسى دۆلەت نەق مەيداندىن خەۋەر قىلمىسىمۇ، ئەمما بۇ مەشىقلەرنىڭ ئەھۋالى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېڭى تەھلىللىرىدىن مەلۇم بولماقتا.

خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ئىشلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئاندىرۇ ئېركسون، خىتاي بۇ قېتىم، 'بىر سائەت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئۇرۇش قىلالايدىغان' سەۋىيىگە يېتىپ بولغان ئامېرىكىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مەشىقىگە، ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسى بىلەن رىقابەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان رېئال ئوق ئېتىش مەشىقىنى باشتىن - ئاخىر كۆزىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشقىنىڭ ۋاقىتىنى ئۇزارتتى، دېگەن.

خىتاينىڭ 'ھەربىي كۆزەتكۈچى' دېگەن تور گېزىتىدە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان مۇنازىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر شەرقىي دېڭىزدىلا ئەمەس، شىمالى جۇڭگودىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.

'ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىش - ساتماسلىقىنى پەقەت تەيۋەن بىلەنلا مەسلىھەتلىشىدۇ'

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتسنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ما شاۋتيەن بۈگۈن، روبېرت گېيتسنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ تەكلىپنى، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئارمىيىسى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق ئاچچىقلانغاندىن كېيىن جىددىيلەشكەن ئەھۋال تېخىچە داۋام قىلىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ دەپ تەسۋىرلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ بۇ تەكلىپىگە بىۋاستە ئىنكاس قايتۇرمىدى، بەلكى بۇ مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى فىلىپ گروۋلى 'ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىش - ساتماسلىقىنى پەقەت تەيۋەن بىلەنلا مەسلىھەتلىشىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.