"بوزقىر بۈركۈتى - 2009" دەپ ئىسىم بېرىلگەن بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەنگلىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاۋل برۇممېل، ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد خاگلاند ۋە ناتونىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.
قازاقىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئادىلبېك جاكسىبېكوۋ ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، تېنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە كۆپ مىللەتلىك ئەسكىرى ئىش بىرلىكىنىڭ توقونۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى تېنچلىقنى قوغداش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئېيتقان.
شاڭخەي ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان قازاقىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە ناتو كۈچلىرى بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى، بۇ ئەھۋال رۇسىيە بىلەن خىتاينى بىئارام قىلمامدۇ؟
بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى سىنان ئوگان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە ناتو كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى خىتاي بىلەن رۇسيىنى بىئارام قىلسىمۇ، ئەمما قازاقىستان بازىرىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان يەنىلا غەرب دۆلەتلىرى شۇڭا قازاقىستاننىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال.
قازاقىستان رۇسىيە ۋە خىتايدەك ئىككى چوڭ قوشنىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلمەكتە. قازاقىستان شاڭخەي ئىش بىرلىكىنىڭمۇ ئەزاسى ۋە شاڭخەي ئىش بىرلىكىنىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرىغىمۇ قاتنىشىدۇ. قازاقىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە ناتو كۈچلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرى قازاقىستاننىڭ بۇ ئىككى قوشنىسىنى بىئارام قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، قازاقىستان مۇستەقىل بىر دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى سىياسىتىدىمۇ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە ئالاھىدە بىر ئۈستۈنلۈك بەرمەيدىغان بىر دۆلەت. قازاقىستان خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز ھازىر سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى يەنىلا غەربنىڭ شىركەتلىرى. ئەڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىمۇ غەربنىڭ ئىلكىدىكى شىركەتلەر. شۇڭا قازاقىستان كۆرۈنۈشتە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىندەك كۆرۈنسىمۇ، بىر ياقتىن ئۇنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان تىجارىي، سىياسىي ۋە ئەسكىرى مۇناسىۋەتلىرىمۇ داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا بۇ ھەربىي مانېۋىرنىمۇ مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىش بىرلىكى قىلغىنىدەك، غەرب دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ئىش بىرلىكى قىلالايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
سىنان ئوگان ئەپەندى بىزنىڭ، "ئامېرىكا يېقىندا ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تەكرار ئاچىدىغانلىقىنىڭ سېگنالىنىمۇ بەرگەن ئىدى. ئارقىدىنلا قازاقىستان بىلەن بۇ ھەربىي مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈشىنى ئامېرىكىنىڭ رايوندا ئەسكىرى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟" دېگەن سۇئالىمىزغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى.
"ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئاۋالقى رايون سىياسەتلىرىدە ناھايىتى چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلدى. بۇ بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەددىدىن زىيادە ئىراق بىلەن بولۇپ كەتتى. پۈتۈن كۈچىنى ئىراققا ئىشلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا باشقا رايونلاردىكى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىش پىلانلىرىدىن ئۇزاقتا قالدى. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر خاتا. ھازىر ئامېرىكا بۇ خاتانىڭ يېرىنى تولدۇرۇش يولىدا، چۈنكى ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بولغان تېررورنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئافغانىستاندۇر. ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستانغا يۆتكەشكە باشلىدى. ئەمما ئامېرىكا ئافغانىستاندا كۈچلۈك بولىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت بولۇشى، رايوندىكى ئورنىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشى كېرەك. شۇڭا ئامېرىكا ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ."
بىز يەنە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.