ئامېرىكا ھازىر ئوكىناۋا ئاراللىرىدىكى ھەربىي بازىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى جىددىي كۆزۈتۈۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى 2012 - يىلىدىن بۇرۇن پۆتىدۇ
خىتاينىڭ ھەر خىل نامدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى 'بېلىقچى پاراخوت' دېگەن نام ئاستىدىكى ئاخبارات تورلىرىغا تايىنىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى گۇئام ئارالىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي بازا قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى دەرىجىمۇ - دەرىجە يۇقىرى ئۆرلىتىپ، تىنچ ئوكياندىكى بۇ ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسىنى 2012 - يىلىدىن بۇرۇن پۆتكۈزۈپ ئىشقا سېلىشقا ۋە ھەر ئېھتىمالغا قارشى جىدىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئاراللىرىدىكى ھەربىي بازىلىرى ياپونىيىدىكى ياكى فىلىپىندىكى ھەربىي بازىرىلىغا ئوخشىمايدۇ
ۋ ك ئىنىسكىلوپىدىيىسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى گۇئام ئاراللىرىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، كورىيە ئۇرۇشىدا، ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى، بولۇپمۇ 90 - يىللاردىن كېيىنكى دائىرىلىك توقۇنۇشلاردا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ھەربىي بازىلار. ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئاراللىرىدىكى ھەربىي بازىلىرى ياپونىيىدىكى ياكى فىلىپىندىكى ھەربىي بازىرىلىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ھەربىي بازىلار.
گۇئام ئاراللىرى ھىندونېزىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۇ تىنچ ئوكياننىڭ مەركىزى ھالقىسى. شەرقىي شىمالى ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرۇدىغان دېڭىز ئاستى ئېلېكتىر لېنىيىسى مۇشۇ ئارالدىن ئۆتىدۇ. بۇ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان، بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى تېز ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە قارشى كۈچلەرنىڭ كېڭىيىشىنى توسايدىغان 'تىنچ ئوكيان قورغىنى.' بۇ بازىلاردا ئامېرىكىنىڭ ب - 52 تىپلىق ئىستراتېگىلىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى، ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكىلىرى، ئەڭ چوڭقۇر سۇ ئاستىدا پائالىيەت قىلىدىغان يادرو پاراخوتلىرى تۇرىدۇ.
ئامېرىكا بۇ ئارالدا 300 مىڭ كىشىلىك دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىنى قۇرماقچى
يېڭى زېلاندىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر گۇئام ئاراللىرىدىكى ئاپولو دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى 66 مىليون گالۇن يېقىلغۇ زاپىسى بار يېقىلغۇ قاچىلاش مەيدانى، 100 مىڭ دانە پارتلاتقۇچ بومبا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بەلگىلەنگەن نىشانغا ئۆزى يۈنىلىش تېپىپ ئۇچۇپ بارالايدىغان ئوق ئۇچى زاپاس تۇرىدىغان چوڭ ئىسكىلاتى بار، ئاندېرسون بازىسىدىنمۇ چوڭ بازا قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلغان. ئامېرىكا بۇ ئارالنى مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ھۇنۇنۇلۇ ئاراللىرىدىكى پرول خاربور پورتىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى، ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ھەربىي بازىسىدىكى قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 مىڭ كىشىلىك دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكيان قىسىملىرى قوماندانلىق شىتابىغا ئايلاندۇرماقچى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسى ئەمدى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا كېڭىيىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالى ئاسىياغا كېڭىيىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋادىكى ھەربىي بازىسىنى، ئامېرىكىنىڭ پرول خاربور پورتىدىكى دېڭىز ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق شىتابىنى گۇئام ئاراللىرىغا كۆچۈرىدىغان بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش -- ئەمدى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا كېڭىيىشىنى توسۇشنى، مەسىلەن، خىتاينىڭ 2012 - يىلىدا 'تەيۋەننى ئۇرۇش قىلماي ئېلىش پىلانى'نى بەربات قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ، ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدىلا، گۇئام ئاراللىرىدىكى بازىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان 1700 قېتىملىق ھەر خىل شەكىلدىكى ھەربىي مەشىقلەردە، بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ ھەربىي ئەسلىھە، ھەربىي تېخنىكا، كۈچ-قۇۋەت جەھەتتىكى دۇنياۋىي ئىلغار سەۋىيىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئارقىلىق ئىپادىلەنمەكتە.