ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىرېكسەن سېنات خىزمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنغا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بايرون دورگان، ھەمكارلاشقۇچى رەئىس دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ساندېر لېۋىن ساھىبخانلىق قىلغان.
يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئۆتكەن يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى بىر يىل جەريانىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىش، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۈز قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقلىرى، دائىرىلەرنىڭ 2010 - يىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش يېڭى پىلانى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كوممۇنىست پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان.
شۇنىڭدەك يەنە " ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا ئۈنۈملۈك مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشى رايوندىكى ۋەقەلەرنى چۈشىنىشكە قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ؟ " دېگەندەك سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر يىغىندا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە ۋە سودا بۆلۈمىگە تەۋە ئاسىيا بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى شىرلەي كان، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ، ئاسىيا ئادۋوكاتلىق دىرېكتورى سوپىيە رىچاردسون، مايامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات پروگراممىلار فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ستانلى توئوپىس قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك "شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى" ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەر بويىچە پىكىر بايان قىلدى.
يىغىندا سۆزلىگۈچىلەر، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋە كەسپىي دائىرىسى بويىچە تۈرلۈك نۇقتىلاردىن چىقىش قىلغان.
يىغىن رىياسەتچىسى ئولدھام خانىم بۈگۈنكى بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلىپ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن ئۇنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئالاھىدە تونۇشتۇردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسون ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، 5 - ئىيۇلدا قولغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى سوتلاشتا ئادىللىق بولمىغانلىقى ھەمدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، تۈرمىلەردىكى تەن - جازاسى ئەھۋالى قاتارلىق كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ناچارلاشقانلىقىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس، ئىقتىساد ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تۇرمۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان پروفېسسور ستانلى توپس ئەپەندى 5 - ئىيۇلدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئاساسىي نىشاننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قاراتقانلىقى، تارىم ۋادىسىنىڭ مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، بۇ بايلىقلار ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك خەلقلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزمەيۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ بۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى شىرلەي كاڭ بولسا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، رايوندىكى ئېتنىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلەشكەنلىكىنى، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىپ، مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، رايوندىكى ھەربىي - سىياسىي رەھبەرلىكلەردە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، 90 - يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئىدارە قىلغان ۋاڭ لېچۇەننى يۆتكەپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، 5 - ئىيۇلغا بىر يىل توشقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سورۇنلارغا كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورناتقانلىقى ھەمدە ساقچى كۈچلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنى چىڭىتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يىغىنغا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە، مۇداپىئە، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەم خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولگۈچىلەر ۋە قىزىققۇچىلاردىن بولۇپ، كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا سوئال - جاۋاب ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۈرلۈك سوئاللارغا يۇقىرىقى ئۈچ نەپەر سۆزلىگۈچىدىن باشقا يەنە، يىغىن رىياسەتچىلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئادۋوكاتلىق ئىشلىرى دىرېكتورى كارا ئابرامسون خانىممۇ ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندىن تەسىرلەنگەنلىكى ۋە ئۈمىدلەنگەنلىكىنى، يىغىندا پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق تەتقىقات قىلىپ، مەسىلىلەرنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ زور، كېلەچەكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىن سۆزلىگۈچىلىرى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش قاتارىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىناسىنى چېقىش پىلانى تۈزگەنلىكى ھەمدە قەشقەر كونا شەھەرنى چېقىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى. يىغىن ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىك تەرەققىيات، ئەمگەك ۋە قانۇنىي ھوقۇقلار ھەم ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىلللەتلەر مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل مەسىلىلەرنى كۆزىتىدىغان ھەمدە تەتقىق قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىنىڭ خىتاي سىياسىتى ئۈچۈن پىكىر تەييارلايدىغان ئورۇن. مەزكۇر كومىتېت بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىدۇ. ئۇدا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجرىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.