ئامېرىكا، ئۈرۈمچى 21 ‏ - دېكابىر نامايىش پىلانىنىڭ شوئارلىرىنى ئاشكارىلىدى

27 ‏ - يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن ئاي ئۈرۈمچىدە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان 21 ‏ - دېكابىر نامايىش پىلانىنىڭ ئاساسىي شوئارىنى ئاشكارىلىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر كومىتېت ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بەتلىرىنى ئىزچىل كۆزىتىش ئارقىلىق، 21 ‏ - دېكابىر نامايىش پىلانى ھەققىدە بىر قاتار تولۇقلىما مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان. ئاشكارىلىنىشىچە مەزكۇر نامايىش پىلانىنىڭ ئاساسلىق شوئارى ئالىي مەكتەپلەردە ھاراق - تاماكا سېتىشنى چەكلەش بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنىڭ تەشۋىقات ۋارىقى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا تارقىتىلغاندا، بىر قازاق قىز ئوقۇغۇچى تەشۋىقات ۋارىقىنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئەھۋالنى مائارىپ نازارىتىگە دوكلات قىلغان. مائارىپ نازارىتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ نامايىش ۋارىقىنى تارقاتقان ۋە ئوقۇغانلارنى ئېنىقلاشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نامايىشنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئالىي مەكتەپلەردە ھاراق، تاماكا سېتىشنى چەكلەش، بۇ ئارقىلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئىستىلىنى ياخشىلاش بولغان. ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەزكۇر نامايىش پىلانىنى مۇتەئەسسىپلىكنى بازارغا سېلىش ۋە يامان غەرەزلىك دەپ تەنقىد قىلغان.

يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەزكۇر نامايىش پىلانىنى تەشكىللىك، پىلانلىق، ئارقا كۆرۈنۈشلۈك ۋە يامان غەرەزلىك بولغان بىر قېتىملىق قۇتراتقۇلۇق پىلانى دەپ ئېلان قىلغان.

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا نامايىش پىلانىنى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىپ، ئىش تېرىشقا ئۇرۇنۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى دەپ باھا بەرگەن. تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە، نامايىشنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھايات ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى نىقاپ قىلىۋالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئوقۇغۇچىلارنى قانۇنسىز توپلىنىشقا قۇتراتقانلىقىنى، سەلبىي جامائەت پىكرى توپلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ھەتتا ئۇلارنىڭ ھاراق - تاماكا دۇكانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش؛ ئۇرۇپ - چېقىش ۋە بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى تۇغدۇرماقچى بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشلارنىڭ ھايات ئىستىلىنى تۈزىتىش ھەرىكىتى 90 ‏ - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان. شۇ يىللاردا غۇلجىدا داۋام قىلغان مەشرەپ پائالىيىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچىملىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىكتىن توسۇشتا غايەت زور رول ئوينىغان. ئالىي مەكتەپلەردىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئىستىلىنى تۈزىتىش پىكرى 1980 ‏ - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئەينى چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەركىن روزى تەرىپىدىن يېزىلغان " بىچارە كۈلكىلەر" ناملىق ئوچىرىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەيپى ساپا ھاياتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

خىتاي قوش تىللىق مائارىپ ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بۈگۈنكى كۈندە، بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ مىللىي كىملىكنى قوغداش ئۈچۈن مىللىي ئۆرپ ‏ - ئادەت، دىنىي تەلىماتلارغا خىلاپ ھايات ئىستىلىنى تۈزىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىنسان ھەقلىرىدىن ئىدى.

ئەمما مەزكۇر نامايىش پىلانى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە، پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە سىنىپ باشلىقلىرى ئارىسىدا سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سۆھبەت يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ‏ - مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، مەكتەپ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېگەن: " بۇ قېتىمقى قانۇنسىز تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش پائالىيىتى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى؛ رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى بۆلگۈنچى ۋە زوراۋان كۈچلەرنىڭ رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا سىياسىي تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك."

بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سالغان، 21 ‏ - دېكابىر نامايىش پىلانلاش ۋەقەسى سەۋەبلىك 20 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىرادىل ياسىن ۋە مۇتەللىپ تېيىپ قاتارلىق ئىككى نەپىرىنىڭ ئىسىم ‏ - شەرىپى مەلۇم؛ ئەمما ھىچ بىرىنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.