[ مەزكۇر دوكلاتتاOpens in new window ]
، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللار، ئۈچىنچى ئورۇندا بولسا تىبەتلەر دەپ كۆرسىتىلگەن؛ بولۇپمۇ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىققە ئۇچراۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2010 - يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. بولۇپمۇ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنغان.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىنىڭ 163 - ماددىسى بويىچە، سوتنىڭ ھۆكۈملىرى ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشى كېرەك. خىتاي، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خۇپىيانە ئېلىپ بارغان.
[ دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەنOpens in new window ]
: "رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، بۇ 2010 - يىلى 4 - ئايدا، 5 - ئىيۇلغا ئالاقىدار 98 دېلو، 197 كىشىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، بىز شۇ كۈنگە قەدەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن، پەقەت 6 قېتىملىق سوت، 24 دېلو ۋە 76 كىشى ئۈستىدىن چىقىرىلغان قاراردىن خەۋەر تاپالىدۇق. دېمەك، 5 - ئىيۇل دېلولىرىنىڭ مۇتلەق كۈپ قىسمى يەڭ ئىچىدە، خۇپىيانە ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي بۇ دېلولاردا ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلغان."
نۆۋەتتە، نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت جەريانىنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىر قانۇن دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىردىن بىرى. ئەمما، خىتايدا بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ يوق بولۇشى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس.
ئۇيغۇر رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى روزى ئىسمايىل، بۇ يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتىدىن 437 دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى روزى ئىسمايىلنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا شۇ خىل دېلولارنىڭ 2008 - يىلدىكىگە نىسبەتەن 169 دېلو ئارتۇق سادىر بولغانلىقى، دېمەك، ئۇيغۇر رايونىدىكى سوت دائىرىلىرىنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالىنىڭ بىر ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سابىق ئادۋوكات بەخىيار ئەپەندى، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ ئاتىغان دېلولارنىڭ ئەسلىدە كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دېيىلىدىغان بىر خىزمەت تۈرىنىڭ تېخى شەكىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا، "ئۇيغۇر رايونىدا 9 ئايغا قەدەر ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنىڭ كېسىۋېتىلىشى، خالىغانچە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش" دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلات يەنە، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئىزباسارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق نۇتقىدا "3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش"نى تەكىتلىگەنلىكى، "مۇقىملىق ھەممىدىن ئۈستۈن" شۇئارىنى تەكرارلىغانلىقىنى بايان قىلىنىپ، جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ "باستۇرۇش سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن. رايون تەۋەلىكىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 5000 ئالاھىدە ئەترەت خادىمى، 60 مىڭ كۆزىتىش ئاپاراتى، ئەنە شۇ ۋارىسلىقنىڭ پاكىتلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، رايوندا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دولقۇنى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، ئەكسىچە كۆچمەنلەرنىڭ ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. بولۇپمۇ بۇ ھەقتىكى يېڭى بەلگىلىمىلەر رايوندىكى سودا گۇرۇھلارنىڭ تىجاري مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن تۇزۇلگەن.
دوكلاتتا يەنە، رايوننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ئىشلىرىغا يەرلىك خەلقنىڭ ئىشتىراك قىلمايۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سىياسىي ھوقۇقلىرى قولىغا ئۆتىشى كېرەكلىكى، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا قارار بېرىش مېخانىزىمىدا ئورۇن ئېلىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. دوكلات جاڭ چۈنشيەننىڭ رايونغا 100 مىڭ نوپۇس يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قېلىشتەك خەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن بىشارەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا، يەنە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ، كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى مەسىلىسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بېرىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسىرى يامانلىشىۋاتقانلىقى، خىتايدا ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللار ۋە تىبەتلەر ئىكەنلىكى بىلۈدۈرۈلگەن.
[ مەزكۇر دوكلاتتاOpens in new window ]
، خىتايدىكى بۇ خىل مەسىلىلەرنى پاش قىلىش، ھەرگىز "خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئەمەس، ئەكسىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا كېلىشىملەردە بەرگەن ۋەدىسىنى سۈرۈشتە قىلىش" دەپ كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا شۇنداقلا، رايوننىڭ "مۇقىملىقىغا ئاساسى خەۋپ ھۆكۈمەتنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن كېلىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بەختىيار ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى ۋە بۇ قوللاشنىڭ دوكلات ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۈمىد ۋە ئىشەنچلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.