ئامېرىكا ۋە خىتاي ئاساسى مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر

خىتاي مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ئاساسى مائارىپىنىڭ" ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى" نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ چوڭ دۆلەتكە يېتىشىۋالىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بىراق، 30 يىلدىن كېيىن خىتاي مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ قارىشىنىڭ خاتا يەكۈنلەنگەنلىكى ئىسپاتلانغان. "ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغان " مەزكۇر مائارىپ تۈزۈمى ‏1979 ‏- يىلدىن 1999 ‏- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا " 43 نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ھەمدە 197 نەپەر بىلىم ساھەسىدىكى مىليونېرنى يېتىشتۈرگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ھەر يىلى دېگىدەك نوبىل پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تاللىنىپ چىققاندىن سىرت، 2003 ‏- يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 11 كىشىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئامېرىكىلىقلار ئىگىلىگەن. ئۇنداقتا خىتاي ئاساسى مائارىپى بىلەن ئامېرىكا ئاساسى مائارىپى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەر مەۋجۇت ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇزۇن يىل شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.