بىراق، 30 يىلدىن كېيىن خىتاي مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ قارىشىنىڭ خاتا يەكۈنلەنگەنلىكى ئىسپاتلانغان. "ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغان " مەزكۇر مائارىپ تۈزۈمى 1979 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا " 43 نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ھەمدە 197 نەپەر بىلىم ساھەسىدىكى مىليونېرنى يېتىشتۈرگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ھەر يىلى دېگىدەك نوبىل پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تاللىنىپ چىققاندىن سىرت، 2003 - يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 11 كىشىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئامېرىكىلىقلار ئىگىلىگەن. ئۇنداقتا خىتاي ئاساسى مائارىپى بىلەن ئامېرىكا ئاساسى مائارىپى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەر مەۋجۇت ؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇزۇن يىل شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.
