ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تەنقىدلەندى

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئاسىيا زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغان پرېزىدېنت ئوبامانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر 10 - نويابىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن كۈلپەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى 10 - نويابىر سەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئېچىلدى. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەزكۇر سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىقراق كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى يۇمشاق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ھېچنېمىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى 29 يىللىق خىزمەت تەجىرىبىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كىرستوفېر سىمىس، ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئادەم بېدىچىلىكى ۋە باشقا شەكىلدىكى ئاياللارنى جىنسى قۇل قىلىپ سېتىش جىنايەتلىرى يۈز بەرگەن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئامېرىكا دائىرىلىرى دىپلوماتىيىنى ئاساس قىلىش، يۇمشاق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش پىكىرنى تەشەببۇس قىلىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئەمما سودا ئېمبارگوسى ۋە باشقا شەكىلدىكى جازالارنى قوللانغاندا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەردە ئون يىل ئىچىدىلا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

"جازا قوللانمىغىچە، ئۇنداق دۆلەتلەرنى ئەيىبلەمسىز، باياناتلارنى ئېلان قىلامسىز ۋە ياكى ئۆزىڭىز خالىغان ھەر نېمىلەرنى دەمسىز ھېچنېمە يۈز بەرمەيدۇ."

كىرستوفېر سىمىس، خىتايدا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "پرېزىدېنتتىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز بەكمۇ ئاز. پرېزىدېنتمۇ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش مەسىلىسىنى بىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭدىن، بىز بايا رەسىمدە كۆرگەن بىچارە ئايالنىڭ، مۇشۇ پەيتلەردە ۋە يەنە كەلگۈسىدە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە دۇچ كېلىدىغان مىليونلىغان ئاياللارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، ئوچۇق ‏ - ئاشكارا ۋە سەمىمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، ئوتتۇرىغا قويغاندىمۇ كەسكىن رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز."

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق قول سىياسەت قوللىنىشنىڭ ھېچقانداق نەتىجىدە بەرمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېنارد لېئو مۇنداق دېدى: "كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق گەپ قىلىش بىر ئەخمىقانە قىلمىش. بۇنى تارىخ ئىسپاتلىدى."

ئۇ يەنە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە مۈجىمەل پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىنىڭ بۇ مۈجىمەللىكىنى تۈگىتىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ ھەقتە توختالدى ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا يۇمشاق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن، باش شتابى بېلگىيىدىكى چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى رېگگىې لىتتلجون خانىممۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارىتا يۇمشاق سىياسەت قوللانسا،خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكتىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: " ئەگەر پرېزىدېنت ئوباما ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بارلىق ئاياللارنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى ئىشەندۈرمەكچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىش قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى" دېدى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى خىتايدا بۈگۈنكى دەۋردە يولغا قويۇلۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ "بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: "شۇڭا بىز پرېزىدېنت ئوبامانى خىتايدا ھەر كۈنى نوپۇس تىزگىنلەش خادىملىرىنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە سىستېمىلىق خورلىشىغا ئۇچراپ تۇرۇۋاتقان ئاياللارنىڭ مۇراجىئەتلىرىنى كەسكىن رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز. خىتاينىڭ نوپۇس تىزگىنلەش سىياسىتى مىڭلىغان ‏ - مىليونلىغان ئاياللارغا، بالىلارغا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكتۇر."

يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئۆز نۆۋىتىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا جۈملىدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مىساللار بىلەن توختالدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ماتېرىيالىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئىنگلىزچە ئوقۇپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.