تۈنۈگۈن يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون، خىتايغا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك يوللىغان. تەبرىكنامىدە، خىتاينىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى، بۇنىڭ تارىخىي بىر ئۇتۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەرەققىياتتىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى، بەزى ساھەلەردە ئارقىغا قاراپ چېكىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈنۈگۈن جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىدىن Christopher Smith، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارغىمۇ زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى شۇڭا خىتايدىكى بايرام كەيپىياتىنى ساختا كەيپىيات دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بايرام ھارپىسىدا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئىنسان ھەقلىرى ساھەسى بويىچە 25 تۈرلۈك خەلقئارا كېلىشىمگە قول قويغانلىقىنى، 20 دۆلەت بىلەن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالدىنقى كۈنى ئېچىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۆزى قول قويغان خەلقئارا كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ جىنايەتچىلەرنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش قانۇنى تەنقىد قىلىنغان.
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورگانلىرى، بىر قىسىم تۈرمىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن 13 دېلو تۇرغۇزۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنغان، ئەمما مەسىلە ھازىرغىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان.
ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى، Howard Berman خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى بايانات ۋە ئىجراسىنىڭ كۈلكىلىك دەرىجىدە بىر - بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.
ئۆكتىچى زات ليۇ شياۋبو، ئۆتكەن يىلى، خىتايدا نىزامنامە ھەرىكىتى باشلىغان."2008 نىزامنامىسى" دەپ ئاتالغان بۇ دېموكراتىك ئىسلاھات تەلەپنامىسىگە، بىرقانچە مىڭ كىشى ئىمزا قويغان. ليۇ شياۋبو نىزامنامىنى لايىھىلىگەن ۋە ئىمزا توپلاشقا يېتەكچىلىك قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ يىل 6 - ئايدا قولغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى، نۆۋەتتە خوڭكوڭدىمۇ جىددىي تالاش - تارتىش قىلىنماقتا. خوڭكوڭنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى Si Tuhua بۈگۈن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:" ئىنساننىڭ ئېغىزى يالغۇز يېيىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى يەنە سۆزلەش ئۈچۈن. ئەگەر بىر جەمئىيەت كىشىلىرى يېيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە، بۇ جەمئىيەتنى قانداقمۇ تەرەققىي قىلدى دېگىنى بولسۇن؟"
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.