گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى كۈنى گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پورتۇگالىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ پىكرىنى ئىجابىي بىر قەدەم، دەپ كۆرسەتتى.
گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگېرىنى تاقاشنى ئەڭ جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەللەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يېقىنقى ۋاقىتلارغا قەدەر گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەن، لاگېردىكى گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەتنىڭ چىقمىغانلىقى بولسا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر لاگېرنى تاقىشىغا زور توسالغۇ بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ ۋەزىيەت 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن بىر ئاز ئۈمىدۋار تۈس ئالدى.
بەزى خەۋەرلەردە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى، فرانسىيە بىلەن شۋېتسارىيە گېرمانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنىڭ سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيىنىڭ بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىغا پاناھ جاي بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، لېكىن فرانسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىنى ئومۇميۈزلۈك مۇزاكىرىگە قويۇش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت مىنىستىرى مورىتز لېنبېرگېر بولسا شۋېتسارىيە بۇ مەسىلىنى " كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەييار " دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى "ئىجابىي بىر قەدەم" دەپ كۆرسەتتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر گۇئانتانامو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىماي كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن مەككورمېك،" بۇ مەسىلە يىللاردىن بېرى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان مەسىلە. بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ يېقىنقى خېتى ھۆرمىتىمىزنى قوزغىدى. بۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ يولدىكى مۇھىم قەدىمى. چۈنكى راستىنى ئېيتقاندا بىز دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇچراشقان. سىلەر بىزنى يالغۇز بىزنىڭ خەلقىمىزگە تەھدىت ۋە خەتەر پەيدا قىلىش بىلەن چەكلەنمەيدىغان بۇ كىشىلەرنى كوچىغا قويۇۋەتمەكچى، دەپ تەنقىد قىلىسىلەر. لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەك، ياۋروپا خەلقى ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقلەر، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىلگىرى تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايتتى ياكى تۇتقۇنلار ئىچىدىكى باشقىلارغا تەھدىت سالمايدىغان بەزى شەخسلەرنى مەلۇم شەرت - شارائىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشىمىزغا قارشى ئىدى. شۇڭا بۇ قەدەم يەنى گېرمانىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلاشماقچى بولغانلىقى، پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە يازغان مەكتۇپى قاتارلىقلار بۇ يولدىكى ئىجابىي بىر قەدەم،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدېرال سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 10 - ئايدا بۇش ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى فېدېرال ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، تۆۋەن سوتنىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان ئىدى. مەككورمېك سەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا لاگېرنىڭ پرېزىدېنت بۇش دەۋرىدە تاقالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ بۇ تۈردىكى تىرىشچانلىقلار لاگېرنىڭ تېزرەك تاقىلىشىغا ياردەمدە بولالامدۇ ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، " ناھايىتى ئېنىقكى، لاگېرنى تاقاش بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دەۋرىدە يۈز بەرمەيدۇ. بىز شۇنى كۆرەلەيمىز، خەتەرلىك شەخسلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۈستىمىزگە ئارتىلغان ئورتاق يۈك گۇئانتانامونى تاقاش تىرىشچانلىقىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،" دېگەن.
ئامېرىكا يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوباما سايلام مەزگىلىدە گۇئانتانامو لاگېردىكى گۇناھسىز تۇتقۇنلارنى تارقاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى، گۇناھكارلارنى ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىدە ئاشكارا سوتلاپ، لاگېرنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئوبامانىڭ لاگېرنى تاقاش پىلانى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قەيەرگە يۆتكەش مەسىلىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە گۇئانتانامو مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ، بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى تۇتقۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سىياسەتلەردە ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى ئەمىي مەكلىن رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ": بۇ يەردە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ گۇئانتانامو مەسىلىسى شۇنداقلا بۇش ھۆكۈمىتى ئاخىرقى 8 يىلدا يولغا قويغان بەزى نامۇۋاپىق قىلمىشلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پۇرسىتى بار. يېڭى سايلانغان پرېزىدېنت باراك ئوباما ناھايىتى روشەن ۋە كەسكىن قىلىپ گۇئانتانامونى تاقايدىغانلىقى ۋە بۇ ئالدىنقى قاتاردا بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى لاگېرغا سولانغان شەخسلەرگە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى قوغداش مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."
لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مەككورمېك سەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ گۇئانتانامو لاگېرىنى تاقاشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ لاگېرنى تاقاش قارارى چىقىرىشنىڭ ئويلىغاندەك ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ": بىز گۇئانتانامونىڭ تاقىلىشىنى خالايمىز. لاگېرنى تاقاش پرېزىدېنت بۇشنىڭ پىلانلىرىنىڭ بىرى. لېكىن پاكىت شۇكى، ئەگەر سىز قىيىن بىر ئىشنى قىلىش، باشقۇرۇش ياكى ناھايىتى قىيىن بىر قارارنى چىقىرىش شۇنداقلا خەلقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قارار چىقىرىشقا يېقىنلاشقان ۋاقتىڭىزدا ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك ئاسانغا چۈشمەيدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپا ئەللىرىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى مەرتلىكىنى مەدھىيىلىگەن.
باياناتتا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دەيدۇ": ئەمدى بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن ۋە دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە ياشاش ئېھتىمالى تۇغۇلدى."