يىغىندا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكى قاتارلىق نۇقتىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن نۇرى تۈركەل سۆزلىدى، ئۇ، گەرچە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان ۋەزىيەت شۇنچە كۆڭۈلسىز بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ نائۈمىد بولماي ئىلگىرىلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى
مۇھاكىمە يىغىنى، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىغا جايلاشقان لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 60 يىللىق كوممۇنىست ھاكىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشلىرى" ناملىق كۆرگەزمىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
يىغىندا ئاساسلىق يەنە، ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدىكى مىللىي ئۆچمەنلىك ھەمدە مەزكۇر ئىككى مىللەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇمكىن ۋاسىتىلەرنى تېپىپ چىقىش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇئىسا گرېۋا خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى.
لۇئىسا خانىم، شىنخۇئا ئاخباراتنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامادىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئامېرىكا تۇپراق ھازىرلاپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەزكۇر فوندى جەمئىيىتىنىڭ غايىسىگە باب كېلىدىغان تەشكىلاتلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ياردەم پۇلىمىز جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەن. بىز ياردەم قىلىدىغان تەشكىلاتنىڭ ھېچ قايسىسى دۆلەتنى بولۇش ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشكىلاتلار ئەمەس. ئۇلار مۇستەقىللىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققىنى يوق. ئۇلار خىتاينىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشنى، دېموكراتىيە چاقىرىقى ۋە دېموكراتىك قارار ئېلىشقا باغلىغان."
يىغىندا، خەلقئارا تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېللىئوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى شان روبېرتس، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە ئامېرىكىدا چىقىدىغان "بېيجىڭ باھارى " جۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى يۇ داخەي قاتارلىقلار سۆزلىدى.
دوكتور شان روبېرتس، ئۇيغۇر -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئۇچۇن ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدا ئۆز -ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى، بۇنىڭ تۇنجى قەدىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇمسىز، ۋەھشىي، خەتەرلىك ۋە تېررورچى دەيدىغان قېلىپلاشقان چۈشەنچىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بارغانچە چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىگە پۇرسەت ئىزدەپ كېلىدىغان خىتايلارنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى، شۇڭا مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تەرەققىيات سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
"جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقماي ۋە ئۇيغۇرنىمۇ شۇ خىل مۇنازىرىگە قاتناشتۇرۇش زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يەتمەي تۇرۇپ، كەلگۈسىدە بۇ جەھەتتە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ." بېيجىڭ باھارى جۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى يۇ داخەي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خىتاي سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن دىئالوگ، ئالاقە ۋە ئۆز - ئارا چۈشىنىشىنى كۈچەيتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا توختالدى.
يۇ داخەي، ئۆتكەن 60 يىل مابەينىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۆتكەن 60 يىل پۈتۈن خىتاي خەلقىگە نىسبەتەن بىر ئاپەتلىك يىللار بولدى. بۇ جەرياندا خىتايلارمۇ ئوخشاش ھەرەج تارتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بەكرەك ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى."
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈركى خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا يەنە، غەربچە يول تۇتۇشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: "دېموكراتىيە قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچىدە، بولۇپمۇ زىيالىيلىرى ئارىسىدا قەلبداشلارنى تاپالايدۇ. ئۇلار دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق 50 مىليون بۇددىستلار، 50 مىليونچە فالۇنگوڭچىلار ۋە 100 مىڭ ئەتراپىدىكى خرىستئان مۇرىتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ."
ئۆز نۆۋىتىدە سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ ئالدى بىلەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنى تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسەت نۇقتىسىدىن شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتى ئۆزگەرمىگەن شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندا چەتئەللەردىكى خىتاي سىياسى پائالىيەتچىلەر بىلەن دىئالوگ ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: "بىز ھېچ بولمىغاندا قارشى پىكىردىكى خىتايلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئازاب -ئوقۇبەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرالايمىز. بۇلارنى نەشر بۇيۇملىرى، ئۇچرىشىشلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقىلىق ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ."
يىغىن ئاخىرىدا سوئال - جاۋاب شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇلدى. سوئاللار ئۇيغۇر ئېلىگە تېلېفون ئۇرالماسلىق، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى، ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بولدى.
ئاخىرىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى تولىمۇ كۆڭۈلسىز بولۇۋاتقان، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە داۋاملىق كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توختاۋسىز تەھدىتكە ئۇچراپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە قانداق قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئۈمىدسىزلەنمەي ئىلگىرىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"ئەلۋەتتە رېئاللىق شۇنداق قايغۇلۇق. شۇنداقتىمۇ بىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى بوشىتىدىغاندەك ئەمەس. ئۇلار يەنە خىتاي ئاققۇن ئىشچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تەرگىلى يۆتكەۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيا رەھبەرلىرى بۇ ھەقتە يەنىلا جىم تۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ بىز ئۈمىدسىزلەنسەك بولمايدۇ. ئۈمىد بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قورالىمىز."
ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۇچۇن خىتايغا قارىتا دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، دىپلوماتىك بېسىملار ھېچ بولمىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ بىر بالايى - ئاپەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ.
شان روبېرتس، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تەرەققىيات سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقان شارائىتتا، خىتاينىڭ مەزكۇر تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىنى مەسئۇلىيەتچان شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاش، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق ئورگانلاردىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاينى شىنجاڭدا تەرەققىيات پروگراممىلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
