ئانىلار بايرىمى ئەڭ دەسلەپ 1908 - يىلى ئاننا جارۋىس ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسنىڭ قەدرىنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېتەرلىك بىلمىگەنلىكىنى ئويلاپ پۇشايمانلىق ھېس قىلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى بۈ كۈننى ئۆز ئانىسىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن شۇنداقلا پۈتۈن ئانىلارغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئانىلار كۈنى قىلىپ تەبرىكلەشنى ئويلاپ چىقىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.
دەسلەپتە بۈ كۈن كىچىك دائىرىدە خاتىرىلىنىپ كەلگەن. 1914 - يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇ كۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن رەسمىي ئانىلار بايرىمى دەپ قوبۇل قىلىنىپ ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبىسى ئانىلار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن ئانىلار كۈنى بارا - بارا پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ دۇنيا بويىچە ئورتاق ئۆتكۈزىلىدىغان بىر مەنىلىك كۈنگە ئايلاندى. بۇ كۈن دۇنيادا ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىدۇ. ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئانىلارنىڭ مەسىلىلىرى كۈن تەرتىپكە كېلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر بولىدۇ. يەنى مۇشۇ بىر كۈندە پۈتۈن دۇنيا ئوخشاش بىر ئېغىزدىن ئانا دەيدۇ.
شۇنداق ... خۇددى ئاننا جارۋىس ئىسىملىك بىر ئايالغا ئوخشاش نۇرغۇنلىرىمىز ئانىلىرىمىزنىڭ قەدرىنى ئۇلار بار ۋاقتىدا بىلمەيمىز. ياكى يۈرىكىمىزدە ئانىلىرىمىزنىڭ قەدرىنى بىلسەكمۇ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، پەلەك چاقىنىڭ توختىماي ئايلنىشى بىلەن ئانىلىرىمىز بىلەن ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىشقا، سىردىشىشقا ۋاقىت ئايرىيالمايمىز. ئۇلارغا ئانا جاپا تاتتىڭىز، بولدى بۈگۈن دەم ئېلىڭ دەپ قولىدىن ئىشىنى ئالالمايمىز.
ئانىلار كۈنى بولسا ھەممە كىشى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۇنتۇپ قالغان ، يوقلىيالماي قالغان ئانىسىنى يوقلايدۇ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، كىچىككىنە سوۋغات بويۇملىرى بىلەن بولسىمۇ ھۆرمەت - ئىېھتىرامىنى بىلدۈرۈشكە، ئادا قىلالمىغان پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئازراق بولسىمۇ ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ 365 كۈن سىزگە قىلغان ئەجرىگە سىزنىڭ شۇ بىر كۈندە قىلغان ئازراققىنە گۈزەل سۆزىڭىز، كىچىككىنە سوۋغىڭىز ئۇنى سۆيۈندۇرۇشكە، ئۇنى پەخىرلەندۈرۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ.
ئانىلار ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ، ئەنە شۇنداق پىداكار. ئۇلار بىر ئۆمۈر پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن تۈگىمەس قۇربانلارنى بېرىدۇ. زور بەدەل ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس مېھرى - مۇھەببىتىنى ئايىماي سىڭدۈرىدۇ. ئۇلار مېھرىبانلىق ۋە ۋاپادارلىقنىڭ مۇڭلۇق ئەمما جۇشقۇن كۈيىدۇر. ئۇلار بىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا تەسەللىمىز، مۈشكۈلگە يولۇققاندا ئىرادە - ئۈمىدىمىز، ماغدۇرسۇزلانغاندا كۈچ - قۇۋۋەت جاسارەت بېغىشلىغۇچىمىزدۇر.
بىز ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئانىلار بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز. جاپاكەش ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ يۈزىدىن تەبەسسۇم، كۆزىدىن كۈلكە يىراق بولمىسۇن. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ھەر ۋاقىت بىز پەرزەتلىرى بىلەن بىرگە بولسۇن!
