بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئارزۇگۈل ئاخىرى ھامىلىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتقان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ ئارزۇگۈل تۇرسۇننى دوختۇرخانىدىن بالىسىنى ئېلىۋەتمىگەن شارائىتتا سالامەت چىقىرىۋېتىشى، قانداقتۇر بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنى سەۋەبىدىن بولغان.
ئالدىنقى كۈنى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە ئامېرىكا - خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى بىر ياقىلىق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە يەنە بۇ ئىش توغرىلىق خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەنمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى، خىتاي ئەلچىسى جۇ ۋېنجۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا 27 ھەپتىلىك بىر بوۋاقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مۇداخىلە قىلسا بۇ تۇغۇلمىغان بوۋاق ھاياتىنىڭ قۇتۇلدۇرۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ خىتاي ئەلچىسى جۇ ۋېنجۇڭغا ئېيتقان سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن ئۇنىڭغا خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس كونترول قىلىشى ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قىلمىشلىرى ئۈستىدە قىسقىغىنا توختالدىم. ئەمما سۆزلىرىمنىڭ باش تېمىسى ئاساسەن بۇ بالىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە بولدى."
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىسى جۇ ۋېنجۇڭ كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندىم تېلېفون قىلغاندا، ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ تەقدىرىگە ئەمەس، ئۇنىڭ ھەققىدىكى خەۋەرنى قەيەردىن ئۇققانلىقىغا بەكرەك قىزىققان.
خىتاي ئەلچىسى جۈن ۋېنجۇڭنىڭ كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندىنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىنكى ئىنكاسى ھەققىدە توختالغان كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: "ئۇ ئارزۇگۈل تۇرسۇن ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭ بۇ خەۋەرنى قەيەردىن بىلگەنلىكىمگە بەكمۇ قىزىقتى. ئەلۋەتتە بۇ خەۋەرنى مەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پروگراممىسىدىن ئۇققان ئىدىم."
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا ئالاقە يوللاشنى باشلىۋەتكەن.
ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت يەنە دەرھال ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كلارك رەندىت ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇ بالىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى خىتاي يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئارزۇگۈل تۇرسۇنغا قاراتقان بالا چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنى بىر خىل ۋەھشىيلىك دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە بۇنىڭ مىليونلىغان بوۋاقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھەرىكەتنىڭ بىر كىچىك كارتىنىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: " بۇ پۈتۈنلەي تراگېدىيىلىك، قايغۇلۇق ۋە يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىر تىپىك مىسال بولۇپ، دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدە تۇرۇپ بۇنى بىزمۇ ھېس قىلىۋاتىمىز " دېدى.
كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندىنىڭ ئىشخانا خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەلچىسى كلارك رادىت ئەپەندى خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭيا بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئارزۇگۈل ھەققىدە سۆزلەشكەن.
نەتىجىدە ئارزۇگۈل تۇرسۇن 6 ئايلىق ھامىلىسىنى ئوپېراتسىيىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ۋەھىمە قاپلىغان دوختۇرخانا ۋە قورساقتىكى بالىسىنىڭ ھاياتىغا سۇنۇلغان قارا قوللار ئارىسىدىن ئامان - ئىسەن ئۆتۈپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.