شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئۈمىدى

سىنگاپور ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لى گۇاڭخۇي ئۆتكەن ھەپتە ئوباما بىلەن كۆرۈشكىنىدە، ئوبامانىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق 4 دۆلەت زىيارىتىگە نىسبەتەن، سىنگاپور قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن.

0:00 / 0:00

سىنگاپور ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لى گۇاڭخۇي 29 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشكىنىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەم شەرقىي ئاسىيا رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تەڭشىگۈچلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

لى گۇاڭخۇينىڭ پرېرىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى 4 - نويابىر كۈنى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلغان. ماقالىدا، " لى گۇاڭخۇينىڭ ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدىن كۈتكەن تەلىپى، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى سىياسىي جەھەتلەردىمۇ، شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولغان" دەپ كۆرسىتىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللاردىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشى، دۇنيادا ئاسىيادىكى "4 كىچىك ئەجدىھا " دەپ نام ئېلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەننەرقى ئەرزان ماللىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازارلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇ دۆلەتلەر ئىشلەپچىقارغان تەننەرقى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى ماللارنىڭ سېتىلىشىغا توسالغۇ بولغان.

سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گاۋ جىشېن ئەپەندى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، لى گۇاڭخۇينىڭ پرېرىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "لى گۇاڭخۇي ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ئەمەلىيەتتە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەلىپى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى نۆۋەتتىكى شارائىتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشى، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نورمال ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى ئەمەس، بەلكى مونوپول قىلىۋېلىش خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈزۈلمىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر خىتاينى بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكىدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تەڭشىگۈچلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلماقتا."

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 12 ‏- نويابىردىن 19 - نويابىرغا قەدەر شەرقىي ئاسىيادىكى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، سىنگاپور خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە بولغان زىيارىتىدە، خىتاي ئەڭ مۇھىم بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئوبامانىڭ بۇ زىيارىتى شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭلا دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقان بولماستىن، بەلكى خىتاي ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىلىرى ئوبامانىڭ خىتايدىكى زىيارىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوبامانىڭ زىيارىتى مەزگىلى خىتاي ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىر ۋەزىيەت بولۇپ، گەرچە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ئەيىبلىنىۋاتقان؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت تېخى تولۇق كونترول قىلىنىپ بولمىغان بولۇپ، 4 ئايدىن بۇيان ئۈزۈۋېتىلگەن ئىنتېرنېت - تېلېفون ئالاقىلىرى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ؛ خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسا ئەرزدارلار كۆپىيىپ، ھۆكۈمەت ئۇلارغا قارشى قاتتىق تەدبىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان؛ دالاي لامانىڭ خىتاي - ھىندىستان چېگرا رايونىدىكى زىيارىتى خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو ئوبامانىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، " بۇ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى زور تارىخىي ۋەقە" دەپ تەرىپلەش بىلەن بىللە، تەرەپلەرنى ئۆز ‏ - ئارا بىر ‏ - بىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ئۈندىگەن.

ئاقساراي باياناتچىسى لى گۇاڭخۇي بىلەن ئوباما ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوباما بىلەن لى گۇاڭخۇينىڭ سۆھبىتىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى توغرا كەلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزى ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە بىر دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋر ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان، دۇنيا پۇل - مۇئامىلە بازىرىى تۇراقسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان، يەر شارى ھاۋا كىلېماتى، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللارىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش، خەلقاارادىكى تېررورلۇق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج بولۇۋاتقان مەزگىلى ئىكەن.

شۇڭا يەنە بەزى تەھلىلچىلەر، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە يەنىلا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالدا ئوبامانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مەسىلىلىرىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كۈچى چەكلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.