ئاتا - ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى

ھەممىگە مەلۇمكى، ئادەم بالىسىنىڭ باشقا جانلىقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خىسلەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئادەم بالىسى ياخشىلىقنى سۆيىدۇ، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغاننى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە بۇ ياخشىلىقنى قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان، بېشىغا كۈن چۈشكەن چاغلاردا ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغان، ئېغىرچىلىق - خۇشاللىق كۈنلەردە بىرگە بولغان كىشىلەردىن سۆيۈنىدۇ، قەلبى دائىم شۇنداق كىشىلەرگە ئىنتىلىدۇ، ئاشۇنداق كىشىلەر بىلەن خىيال سۈرگىنىدە كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.02

 ئۇنداقتا بىز ئۈچۈن ئاشۇنداق سۆيۈنۈشكە، ئاشۇنداق ئەسلەپ تۇرۇشقا ئەڭ لايىق كىشىلەر كىم؟ شۈبھىسىزكى، بىزنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ، دۇنيا تۇرمۇشىمىزدىكى توغرا - خاتا يوللارنى كۆرسىتىپ، توغرىسىنى بىزگە ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالادىن قالىسلا، بىزلەرگە ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن، دەردىمىزنى تارتقان، بىزگە ياخشىلىقلار تىلىگەن بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىز بولۇپ، دۇنيادا بىزلەر ئۈچۈن ئۇلاردەك جاپا چەككەن، غېمىمىزنى يېگەن كىشىلەر يوق.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇلۇغ ئىش. چۈنكى ئۇ ئىبادەت ھەم مەجبۇرىيەت. ئاتا - ئانىلار بىزنى بېقىپ، تەربىيىلەپ مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈش يولىدا نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى چەككەن كىشىلىرىمىزدۇر. بىز كىچىك بىر بالىنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئومۇمىي ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىنىمىزدا، شۇ ھامان قۇرئان كەرىمدىكى:" ئەي پەرۋەردىگارىم! سەن ئاتا - ئانام ئىككىسىگە مېنى كىچىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك رەھمەت قىلغىن" دېگەن دۇئانى ئوقۇغىمىز كېلىدۇ. قېنى ئويلاپ بېقىڭ! سىزنىڭ ئانىڭىز كۈنسىرى ئاجىزلاپ تۇرىدىغان توققۇز ئاي ئىچىدە سىزنى مىڭ جاپا بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. يەنە شۇ ئاجىزلىق ھالىتىدە سىزنى تۇغدى، سىزنىڭ قورساق ئىچىدىكى كۈنسايىن چوڭىيىشىڭىز، ئېغىرلىشىڭىز ئاتىڭىزغا كۈنسايىن ئېغىرلىق - ئاجىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەتتا سىزنى تۇغۇش ئالدىدا باشقا بىر دۇنياغا بېرىپ قايتقاندەك، دۇنيانىڭ ھەممىسىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەتكەندەك، خۇددى ئۆلۈمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك بولدى. لېكىن سىز تۇغۇلغاندىن كېيىن سىزنىڭ مېھرى ئىسسىق ئانىڭىز كۆزىنى ئېچىپ سىزنىڭ يېنىدا ياتقانلىقىڭىزنى كۆرگەن ھامان بارلىق دەرد - ئەلەملەرنى، دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن تولغاق ئاغرىقلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ، بارلىق ئۈمىد يوللىرىنى سىزگە باغلايدۇ، سىزدە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقلىرىنى، بەخت - سائادەتلىرىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېچە - كۈندۈزلەپ سىز ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، سىزگە خىزمەت قىلىدۇ، سىزنىڭ كۈندىلىك ئۇزۇقىڭىز ئۇنىڭ قىممەتلىك ئاق سۈتى بولىدۇ، سىزنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىڭىز ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئىسسىق باغرى بولىدۇ، سىزنىڭ ئولتۇرىدىغان، مىنىدىغان نەرسىڭىز ئۇنىڭ ئىككى قولى - دۈمبىسى بولىدۇ، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇ سىزنى تويغۇزۇش بەدىلىگە ئۆزى ئاچ قالىدۇ، سىزنى ئارام ئالدۇرۇش، ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۆزى تۈنەيدۇ، ئانا سىزنىڭ دۇچ كەلگەن، قورقۇنچ ھېس قىلغان ئىشلىرىڭىزدا سىزنى قوينىغا تاشلاپ يىغلايدىغان، دەرد ئېيتىدىغان، دەردىڭىزگە يېتىدىغان، بېشىڭىزنى سىلايدىغان بىردىن ‏ - بىر شەپقەتچىڭىز. چۈنكى سىز ئاشۇ چاغلاردا ئانىڭىزنىڭ قۇچىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ پاناھ جايىدەك، ئۇنىڭ ئىسسىق باغرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىڭىز بىلەن تولغان كەڭ بىر دۇنيادەك ھېسسىياتلاردا بولىسىز. ھەمدە ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا تاشلىغان ھامان بارلىق قورقۇنچلاردىن خالىي بولىمەن دەپ قارايسىز."

ئاتىنىڭ ئەجرىمۇ ئانىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ئاتىنىڭ بالىلىرى ئۈستىدىكى ئەجرى ۋە ھەقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئەمدى ئاتىڭىزغا كېلەيلى، ئاتىڭىز كېچە ‏ - كۈندۈزلەپ سىزنى ئويلايدۇ، سىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ، يول يۈرىدۇ، سەپەر قىلىدۇ، تاغ - داۋانلارنى كېسىدۇ، سىزنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمىكىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن دەرد - ئەلەم، جاپا - مۇشەققەتنى تارتىدۇ، كۆپلىگەن خەتەرلەرگە يولۇقىدۇ، ئۇ مۇشۇنداق سەرگۈزەشتىلەرنى، تۇرمۇش جەريانلىرىنى، خىلمۇ ‏ - خىل كەچۈرمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ سىزنى تەربىيىلەيدۇ، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، سىز ئاتىڭىزنىڭ يېنىغا كىرسىڭىز سىزدىن خوشاللىنىدۇ، كۆڭلى ئېچىلىدۇ، ھەم سىزدىن پەخىرلىنىدۇ، ئۇ سىزگە نۇرغۇنلىغان ئۈمىد نەزەرلىرى بىلەن قارايدۇ. ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولىشىڭىزنى ئاللاھتىن تىلەيدۇ. ئاتىڭىز سىرتقا چىقىش ئۈچۈن سىزدىن ئايرىلىشقا تەمشەلگىنىدە، سىز ئۇنى قۇچاقلىۋالىسىز، ئۇنىڭ پېشىگە ئېسىلىۋالىسىز، ئۇ خۇددى ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك بار ئاۋازىڭىز بىلەن ياش تۆكۈپ يىغلىغىنىڭىزدا مېھرى - شەپقەتلىك قوللىرى بىلەن باش - كۆزىڭىزنى سىلاپ سىزگە تەسەللى بېرىدۇ. ئاتىڭىز قايتىپ كەلگەندە، خوشاللىقىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ باغرىغا تاشلايسىز، يايراپ كېتىسىز. ئەنە ئاشۇ ئىككى كىشى سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىزدۇر. ئەنە ئاشۇ ۋاقىتلار سىزنىڭ گۆدەك، ئۆسمۈر چاغلىرىڭىز. ئۇلارنى بۇ ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرۇش سىزنىڭ بۇرچىڭىزدۇر."

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتا - ئانىنىڭ ھەقلىرى بەكمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرى تۆلەپ بولغۇسىز. شۇنداقتىمۇ بىز كۆز ئالدىمىزدىكى بەزى مەجبۇرىيەتلەرنى ئىقتىدارىمىزنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداپ تۇرۇشىمىز لازىم. مەسىلەن: ئۇلارنى ئەڭ كامالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش، خىزمەتلىرىنى قىلىش، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ۋە دۇئاسىنى ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھېچ نەرسىمىزنى ئايىماسلىقىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتام مېنىڭ پۇل - مېلىمنى سوراۋاتىدۇ، دەپ كەلگەن بىر ئادەمگە:" سەن ۋە سېنىڭ مال - دۇنيالىرىڭ ئاتاڭغا تەۋە،" دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ھەدىس بالا ۋە بالىنىڭ قولىدىكى بارلىق نەرسە - كېرەك، پۇل - مال ئاتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئاتا ئۇ نەرسىلەرنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.