ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا يول قويغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ خەۋەرلەر چەتئەللەردە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ پەرىشان قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىغا لەنەت ياغدۇرۇلدى
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مۇپەتتىشى گېنېرال گلەنن فاين يېقىندا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ گۈەنتانامو مەھبۇسلىرىنى رەھىمسىز ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ سوراق قىلغانلىقىغا ئائىت بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 4 - ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى سوراق قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەكشۈرۈش باش تېما قىلىنغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىندا ھەربى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا بۇ خىل ھوقۇقنى كىمنىڭ بەرگەنلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ھەققىدە پىكىرلەر قويۇلغاندىن باشقا، ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپ بولسا، بوش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر بازىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىغا لەنەت ياغدۇرۇلغانلىقى بولۇپ، بۇ يىغىندا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇپەتتىشى گېنېرال گلەنن فاين گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىننىڭ بېشىدا، بۇ يىغىننى باش بولۇپ تەشكىللىگەن دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە شۆبە كومىتېتى رەئىسى بىلل دەلاھۇنت، ئىلگىرى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI ) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى يوللىغان بىر بارچە ئېلخەتنى مىسال قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى "دۈشمەن ئەسكىرى" دەپ قاراپ، سوراق قىلىشتىن بىر كېچە ئىلگىرى ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم ئويغىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلارنى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى : " بىز خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ گۈەنتاناموغا كېلىپ، ئەشۇ بىردىن - بىر جىنايىتى خىتاينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تارتىۋالغان ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويدۇق".
" ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى كوممۇنىست خىتايدىن كەلگەن سوراقچىلار سوراق قىلغان "
بىلل دەلاھۇنت يەنە، بۇ قىلمىشلارنىڭ پەقەت ئەشۇ مەھبۇسلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا دەرت سېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە، گۈەنتانامو تۈرمىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنى ۋەيران قىلىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى ۋە ئەمدى بۇ خىلدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىن جەريانىدا، بىلل دەلاھۇنت گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنغان مۇپەتتىش گېنېرال فاين دوكلاتتا ئامېرىكا ھەربىي تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي خادىملىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ھەققىدە مەزمۇن بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق سۇئال قويدى: "بۇ خىل ھەمكارلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى كوممۇنىست خىتايدىن كەلگەن سوراقچىلار سوراق قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ مەھبۇسلارنى ئۇخلاتماي ئاۋارە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟"
گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن تەپتىش گېنېرال فيان، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۆزلىرىگە يوللىغان دوكلاتىدا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا يول قويۇلغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋاسىتىلەر بىلەن بىئارام قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
" ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىشى شەرت"
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان پالاتا ئەزالىرىدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزاسى دانا روھراباچېر ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە شۆبە كومىتېتى رەئىسى بىلل دەلاھۇنت قاتارلىقلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا قوللانغان سوراق قىلىش ئۇسۇللىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن شەخسلەر بولۇپ، ئۇلار گۈەنتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار، سوراق قىلىنىش ۋە تۈرمە ھاياتى جەريانىدا خورلانغان ۋە ئىزتىراپ چەككەن بولسا، ئۇلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۆلەم تۆلەپ بېرىشى شەرت ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن چوقۇم ئەپۇ سورىشى ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى جەريانىدا مەيدانغا چىققان تەلەيسىز كىشلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ سوراق قىلىشىغا يول قويۇپ "ئەخمىقانىلىك" قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە بىز چوقۇم بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشقا قوشۇلىشىمىز كېرەك" دەپ تەكلىپ بەردى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ، بۇ ئىشتا ھە دىسە ئامېرىكىنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا ئاكتىپ بولۇشىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشى "ئامېرىكىنىڭ دۆلەت غۇرۇرىغا داغ تەككۈزگەنلىك"
يىغىن ئاخىرىدا تاشقى ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە شۆبە كومىتېتى رەئىسى بىلل دەلاھۇنت كوممۇنىست خىتاي مەخپىي خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى كېچىدە ئويغىتىپ ھەمدە تەھدىت سېلىپ سوراق قىلىشىنى "ئامېرىكىنىڭ دۆلەت غۇرۇرىغا داغ تەگكۈزگەنلىك" دېدى.
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلسىى گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە ئائىت مەسىلىلەر ئىچىدە بۇش ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاق ساراي باياناتچىسى توني فراتتو بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى تېلېفونلارغا جاۋاب قايتۇرمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي بازىدىكى تۈرمىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس قامالغان بولۇپ، گەرچە ئۇلار گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بىرەر دۆلەت بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى.