شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2011-05-23

5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادېلايد شەھىرىدە شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

RFA

2011-يىلى 2-مايدىن 8-مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.

بۇ سۆھبەتتە، شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى جامائەتچىلىكنى كېڭەشنىڭ ئېچىلىش جەريانى ۋە ئىلىنغان قارارى بىلەن خەۋەرلەندۈردى.

ئالىي كېڭەشكە قاتناشقان شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ھاجى، جەمئىيەت كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى ۋە جەمئىيەت ھەيئەت ئەزاسى سۇلتان ھەبىبۇللا ئەپەندىلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە كېڭەشكە قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ھەققىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا دوكلات بېرىپ، كېڭەشنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك، مول مەزمۇنلۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساستا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوخشىمىغان پىكىردىكى ۋەكىللەرنىڭ ۋەتەننى ئازاد قىلىش تىن ئىبارەت ئورتاق غايىلىرى مەزمۇن قىلغان قىممەتلىك تەكلىپ ۋە تەلەپلىرى دىققەت بىلەن ئاڭلانغانلىقىنى، قىزغىنلىق ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزدى. يىغىندا ئابدۇلغوپۇر ھاجى ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن كېڭەش جەريانىدا ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق مەخسۇس تارقاتقان نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى كەڭ ئېكران ئارقىلىق كۆرسەتتى. ئېچىلىش مۇراسىمى، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ھاياجان ۋە ئۇلۇغ ئۈمىدلەر ئىچىدە كۆرۈۋاتقان يىغىن ئەھلى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېپىلىش نۇتقى جەريانىدا توختىماي چاۋاكلار چېلىپ، ئۇزلىرىنىڭ رەھبىرىگە ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

جەمئىيەت تەپتىشى دىلزات دىمىيان ئەپەندى ئالىي كېڭەش ماقۇللىغان يەتتە ماددىلىق قارارنى ئوقۇپ ئۆتتى. شەرقى تۈركىستانلىق جامائەتچىلىكنى ئاساس قىلغان مەسچىتنىڭ ئىمامى، دىنىي زات يۈسۈپ ھۈسەيىن قارىم ئىسلامدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەجبۇرىيەت ھەققىدە جامائەتچىلىككە تەلىمات بەردى. بىر قىسىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

Click here to add your own comment

ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﺎﯕﻼﺵ
ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ
ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى: ئۇيغۇرلار قۇرۇلتايدىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈتىدۇ

د ئۇ ق ياپونىيىدە ئاچىدىغان يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى ئەيىبلىدى

رابىيە قادىر خانىم: ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

خىتاي، ياپونىيىدىن 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى

ئاۋسترالىيىدە 5 - فېۋرال بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش يېغىنى ئىچىلدى

پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت ئۇيغۇر مەكتىپىنى زىيارەت قىلدى

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئېچىلغۇسى قۇرۇلتاي ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى

ئاۋسترالىيىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش يېغىنى ئىچىلدى




 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org