ئۇيغۇرلارنىڭ سېرك سەنئىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇ يۈكسەك جىسمانىي ساپا ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان، تەنھەرىكەت بىلەن سەنئەت، قاراملىق بىلەن نەپىسلىك، چېۋەرلىك، چاققانلىق بىر گەۋدە قىلىنغان ئالاھىدە سەنئەت. سېركچىلىكتە كامالەتكە يەتكەن ماھارەت ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن تۇغما تالانتتىن باشقا سەنئەتكارنىڭ سىستېمىلىق تەربىيىلىشىنى قىيىنلىق دەرىجىسى باشقا تەنھەرىكەت ۋە سەنئەت ماھارىتىگە قارىغاندا يۇقىرى بولغان تېخنىكا ۋە ماھارەت سەۋىيىسىنى جاپاغا چىداپ يۈكسەلدۈرۈشىنى ۋە داۋاملىق مەشىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىقىدىغان ماھارەت ئىگىلىرىمۇ باشقا سەنئەت ساھەسىگە قارىغاندا كەم ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر سېركچىلىكى، يېقىنقى يىللاردا كەسپىي سېرك ئارتىسلىرىنىڭ سېرك ماھارىتىنى ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن كەسپىلىككە قاراپ راۋاجلاندۇرۇشى، ئەنئەنىۋى ماھارەت بىلەن ئۇيغۇر ئۇسۇلى ۋە زامانىۋى ماھارەتلەرنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، مىللىيلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى نەتىجىسىدە ئالاھىدە جەلپ قىلارلىق سەنئەت سۈپىتىدە دۇنيا سەھنىلىرىدە شۆھرەت قازانغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە تونۇلغان سېرك ماھىرلىرىدىن يەتتە نەپىرى، 2004-يىلى ئويۇن قويۇش پۇرسىتى بىلەن كاناداغا كەلگەندە، پاناھلىق تىلەپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايگۈل مەمەت ھازىرغىچە ئۆز كەسپىنى تاشلىماي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تورۇنتودا خېلى تونۇلغان ئۇيغۇر سېرك ماھىرى. 8 يېشىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدە سېرك ماھارىتىدە تەربىيىلىنىپ، ئون تۆت-ئون بەش يېشىدىلا ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتلىك ماھارەت كۆرسىتىشلەردە كۆپ قېتىم ئالتۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ شۆھرەت قازانغان پىشقان سېرك ماھىرىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ سەھنىلەردە تېلېۋىزورلاردا كۆرسەتكەن، چەمبىرەك ماھارىتى، چىراغ، شام ۋە بەدەن ئېلاستىكلىقى ئويۇنلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئالقىشلارغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن.
ئايگۈل ۋە ئۇنىڭ ئالتە نەپەر كەسىپداشلىرىنىڭ بىراقلا كانادادا پاناھلىق تىلەپ قېلىشى بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنى نامايان قىلغان زور ۋەقە بولغان بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىشى، ئالقىشلىرىدىن ئايرىلىش بۇ سەنئەتكارلارغا نىسبەتەن خۇددى بېلىق سۇدىن ئايرىلغاندەك جۇدالىق ئىدى. بېزىلەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جۈرئىتىگە ئاپىرىنلار ئوقۇغان بولسا، يەنە بېزىلەر «بۇلارنىڭ تالانتى ئەمدى زىيان بولىدۇ، بۇ چولپانلارنىڭ سەنئەت ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ» دەپ ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ئېچىنغانمۇ ئىدى.
بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ئايگۈلنىڭ قايتىدىن كانادادىكى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم كۆرۈشتەك ئىنتېرنېتتا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تالانتلىقلار سەھنىسىدە نامايان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك سېرك ماھارىتىنى كۆرسىتىپ قايتىدىن چولپان كەبى چاقنىشى، كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىنى ئىنكار قىلدى يەنى ئالتۇن ھامان يەردە قالمايدۇ دېگەندەك، ھەقىقىي تالانت ۋە ماھارەتنىڭ مەيلى قەيەردە بولمىسۇن، مۇۋاپىق پۇرسەت بولسىلا ھامان نەتىجە قوچىدىغانلقىنى ئىسپاتلىدى.
تاماشىبىنلار «ئايگۈل مەمەت»، بۇ قەيەردە كۆمۈلۈپ قالغان يۇلتۇز دەپ ھەۋەس بىلەن باقماقتا، ھەتتا باھالىغۇچىلارمۇ بۇ تالانتلىقلار سەھنىسى مانا سىزگە ئوخشاش تېخنىكا ۋە ماھارەتتە پىشقان يۇلتۇزلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان، بىز ئاخىرى سىزگە ئوخشاش يۇلتۇزنىڭ بۇ سەھنىدە پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۇق دېيىشتى.
4-مارت كانادا تالانتلىقلار تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ تورونتو تاللاش نۇقتىسىدا ئايگۈل مەمەت ئىسىملىك سېرك ماھىرىنىڭ چەمبىرەك ئوينىتىش ماھارىتى كىشىلەرنى قايىل قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ سەھنىدە ئۆزىنى: «مەن ئۇيغۇر، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم، تىبەت ۋە موڭغۇللار بىلەن چېگرىداش ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى بېسىۋالغان» دەپ تونۇشتۇرۇشى كىشىلەردە بۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارنىڭ ئۆزگىچە ھىجرەتلىك ھاياتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىزىقىش قوزغىدى، ئۇنىڭ كانادا تالانتلىقلار تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ دەسلەپكى شۆبە مۇسابىقىسىدە تاللىنىپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنى ھاياجان ئىلكىگە ئالدى.
سېرك سەنئىتىدە سېرك ماھىرى پىشقان ماھارىتى، چېنىققان بەدىنى بىلەن ئوبراز يارىتىپ، سەنئەتنى نامايان قىلىدۇ. شۇڭا سېرك ئارتىسىنىڭ سەھنىدىكى بىر قانچە مىنۇتلۇق ماھارەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن، يىللارچە تەييارلىق، بەدەننىڭ يۇمشاقلىق دەرىجىسىنى ساقلاشتا ئاجايىپ جاپالىق مەشىق، كۈچ ۋە ئىجتىھات تەلەپ قىلىنىدۇ. جانلىق ھېسسىيات، ئالدىچىلاپ، كەينىچىلەپ موللاق ئېتىش، بوشلۇقتا موللاق ئېتىش قاتارلىق يۈكسەك ماھارەت، يۇقىرى تېخنىكىلىق ماھارەتلەرنى نەپىسلىك، چەبدەسلىك بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۆرسىتىۋاتقان ئايگۈل مەمەتنى ھېچكىم بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن، ئۈچ پەرزەنتلىك ئانا دېمىسە كېرەك، بۇ ئەنە شۇ كېچە-كۈندۈزلەپ ئاققۇزغان تەرلىرىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭ مېھنەت تەرلىرىنىڭ ھەر بىر تامچىسى، بۇ يۇلتۇزنىڭ يوللىرىدا گۈل بولۇپ ئۈنگەي.