بابۇر مەخسۇت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن بىر يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

بۈگۈن شۋېتسىيىنىڭ بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى شۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر بابۇر مەخسۇت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

0:00 / 0:00

بابۇر مەخسۇت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزگەنلىك سەۋەبى بىر يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بابۇرغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

بۇ يىل 62 ياشلاردىكى شۋېتسىيە پۇقراسى بابۇر مەخسۇت 2009‏- يىلى 6‏- ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۋېتسىيە تەپتىش ئورگىنى بابۇرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش، خىتاينىڭ شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىك خادىملىرىغا ۋە مۇخبىر سىياقىدىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قانۇنسىز يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ 16 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ستوكھولىم يەرلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنامىدە بابۇرنىڭ "ئېغىر قانۇنسىز جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ" مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1948-يىلى خىتاينىڭ لەنجۇ شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزگەن بابۇر خوتەنلىك بىر سودىگەرنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1980 ‏- يىللاردا خوتەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ، 2002‏-يىلى شۋېتسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىدى. ھۆكۈمنامىدە ئۇنىڭ 2008 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدىن 2009 ‏- يىلى 6 ‏- ئايغا قەدەر خىتاينى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ سالامەتلىك، سەپەر ئەھۋالى ۋە سىياسى پائالىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ ئۇچۇر توپلاش ئوبيېكتى رابىيە قادىر، دولقۇن ئەيسا، ئابدۇجېلىل قاراقاش، ئادىل ئابدۇلھېكىم، ئاتاخان ئابدۇغەنى، دىلشات رىشىت قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ۋە بەزى شىۋېت پائالىيەتچىلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۋېتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى توماس لىندستراند بابۇرغا 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن داۋا ئاچقان ئىدى. لىندستراند رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،" سوت مەھكىمىسى بابۇر مەخسۇتنىڭ قانۇنسىز ئاخبارات توپلىغانلىقىغا دائىر يىتەرلىك پاكىت بار"، دەپ قارىغانلىقىنى، مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاخىرى تەكشۈرۈشنى تاماملىغانلىقىنى، سود مەھكىمىسى ئۇنىڭ قىلمىشىنى " ئېغىر جىنايەت"، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بابۇر مەخسۇتنىڭ جىنايىتى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دىلشات رىشىت دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئېلان قىلغان مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى باياناتىدا "بابۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشى خىتايغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپلا قالماي بەزى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر" دەپ كۆرسەتتى.

بابۇر مەخسۇت 2009 ‏- يىلى 6 ئايدا قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىغا كېلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان 4‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك چەمبىرىكىدىكى بەزى زاتلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىككى تەرەپنى سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئاتقۇرىۋاتقان "سالاچى" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، شۋېتسىيە سوت مەھكىمىسى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبنامىسىدىكى دەلىللەر بابۇرنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. شۋېت تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىپنامىسىدىكى دەلىللەر ئىچىدە بابۇرنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپاتى قاتارلىقلار بار بولۇپ، سوت مەھكىمىسى بابۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، خىتايغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرى "خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئېغىر زىيان سالغان"بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت، بابۇرنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر سوت ھۆكۈمىتىگە ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بابۇر بىلەن مۇناسۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ستوكھولىمدىكى دىپلوماتىك خادىمىنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

لېكىن شۋېتسىيە سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنامىدە خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شۋېتسىيىدىكى پۇقرالىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىشى، كەلگۈسىدە بېيجىڭنىڭ بۇ تورنى باشقا جاسۇسلۇق ئىشلىرىغا سېلىش يولىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "مەزكۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايدىغان بىر دۆلەتكە خىزمەت قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى نەزەردە تۇتقاندا پەۋقۇلاددە ئېغىر جىنايەتتۇر"، دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.