'باراك ئوباماغا يېڭى يىللىق مەكتۇپ: گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىغا ھۆرلۈك'

ئەندي ۋورتىڭتون Andy Worthington گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا قارىتىپ يېڭى يىللىق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئازاد قىلىشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

باراك ئوباما پرېزىدېنتلىق سايلىمى رىقابىتى جەريانىدا گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى باراك ئوباما ھۆكۈمىتى ئۇزۇنغا قالماي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، غەرب ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە مۇستەقىل يازغۇچىلار گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى باراك ئوباما ھۆكۈمىتىگە قايتىدىن ھېس قىلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا.

ئەنگلىيىلىك ئەندي ۋورتىڭتون، شۇ خىلدىكى مۇستەقىل يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا قارىتىپ،

"باراك ئوباماغا يېڭى يىللىق مەكتۇپ: گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىغا ھۆرلۈك"Opens in new window ]

ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

ئاپتور ئەندي ۋورتىڭتوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر ماقالىسىنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللىغان.

" مەن ماقالامنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئەۋەتتىم ۋە ئۇلاردىن ياخشى پىكىرلەر كەلدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، مۇساپىرلار ۋە ماكانلىرىدىن قوغلانغان ئادەملەرنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتتىم. ئۇلارمۇ ماقالامنى تور بېتىدە ئېلان قىلدى،" دەيدۇ ئەندي ۋورتىڭتون ئەپەندى.

ئەندي ۋورتىڭتون :" گەرچە ئادالەت بۇلار تەرەپتە بولسىمۇ، ئەمما گۇئانتاناموغا قامالغان مەزكۇر 17 ئۇيغۇرنىڭ پېشانىسى تەتۈر كەلمەكتە ئىدى"

ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا قارىتىپ ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلغان مەكتۇبىدا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغانلىقىنى، ھەتتا ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىنمۇ قويۇپ بېرىلىشكە بۇيرۇلغانلىقىنى، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سوتنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمى ئۇستىدىن ئەرز سۇنۇپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى توسۇپ قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ ۋە:" گەرچە ئادالەت بۇلار تەرەپتە بولسىمۇ، ئەمما گۇئانتاناموغا قامالغان مەزكۇر 17 ئۇيغۇرنىڭ پېشانىسى تەتۈر كەلمەكتە ئىدى" دە يازىدۇ.

ئەندي ۋورتىڭتون : "بۇش ھۆكۈمىتى شەرمەندىلەرچە سوتقا ئەرز سۇندى"

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى بىر شەرمەندىلىك، دەپ كۆرسەتكەن ئەندي ۋورتىڭتون بۇ ھەقتە توختىلىپ: " بۇش ھۆكۈمىتى شەرمەندىلەرچە سوتقا ئەرز سۇندى ھەمدە قارىماققا بۇلار بۇنىڭدىن شۇنداقلا قۇتۇلىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئەلۋەتتە ئەرزىيەت سوتى تېخى بۇ ھەقتە تولۇق ئاخىرقى قارارنى چىقارمىدى. بەلكىم مۇشۇ ئايدا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن،" دەپ يازدى.

ھالبۇكى، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە بەك قىزىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنى يەرلەشتۈرىدىغان 3 - بىر دۆلەت تېپىشتا ھەر خىل دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم.

ئەندي ۋورتىڭتون: "باشقا دۆلەتلەر گۇئانتاناموغا قامالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ"

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەندي ۋورتىڭتون غەرب ئەللىرى ئۈچۈن گۇئانتانامودا قامالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن بۇرۇن ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشكە تەييارلانغان بولغاچقا بۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئانچە تەس ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى: "باشقا دۆلەتلەر گۇئانتاناموغا قامالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر دېلو تۇرغۇزالمىغانلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ. ئۇلار سوتچى ئۇربىنانىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش قارارىغا قارشى چىقىپ، ئۇيغۇرلار دېلوسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلار، بۇ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق دېلو تۇرغۇزالمىدى."

ئەندي ۋورتىڭتون يەنە چاقچاق ئارىلاش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى تالىشىپ قوبۇل قىلىپ، گۇئانتانامودىكى قالغان مەھبۇسلارنى ئالىدىغان يەر چىقماي قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئەندي ۋورتىڭتون Andy Worthington ئەنگلىيىلىك مۇستەقىل يازغۇچى بولۇپ، ئۇ "گۇئانتانامو ھۆججەتلىرى: ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز تۈرمىسىدىكى 474 مەھبۇسنىڭ ھېكايىسى" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى. ئۇ يېقىندىن بۇيان گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەرخىل ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭ شەخسى تور بېتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۇلىنىشنى بېسىڭ.

http://www.andyworthington.co.uk