بۈگۈنكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى
خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوچۇق-ئاشكارا توپلىنىش، نامايىش قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان ئىدى (ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرى) . خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۈگۈن ئۈرۈمىچىدە ئۈيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىدى، ئۈچىنچىسىنى يارىلاندۇردى.
بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى جىددىيلىك بىر ھەپتىدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان جىدديلىكتىنمۇ ۋەھىمىلىك بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار يەنىلا كۇچىلارغا چىقىپ ، تۇتۇپ كېتىلگەن تۇغقانلىرىنى ئىزلەۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلگەن تۇغقانلىرىنىڭ ھازىسىنى تۇتۇۋاتىدۇ (بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى).
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۈرۈمچى خەلقى ھەربىي قىسىملارنى قارشى ئالدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى؛ ئىسمايىل ئەمەت، ئابلەت ئابدۇرىشىت قاتارلىق سابىق ئاپتونوم رايون رەئىسلىرى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دەپ ئەيىبلىدى، چەتئەلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى 'ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قۇتراتتى'، 'رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ' دېدى دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
'خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۆزى پەيدا قىلغان مەسىلىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، خەلقنى باستۇرماقچى'
ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى، ئۆزى پەيدا قىلغان مەسىلىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
'خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشىنى شەرقتە تەيۋەن، غەربتە ئۇيغۇرلار بۇزۇۋەتتى'
ھازىر تۈركىيىدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىنى تىنجتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۆمنى كۈرۈپ تۇرۇپ كۆكرەك كېرىپ چىقىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى بىر قۇدرەتلىك كۈچ. خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشىنى شەرقتە تەيۋەن، غەربتە ئۇيغۇرلار بۇزۇۋەتتى.
'ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تارىختىن بۇيان ھېچقاچان تىنچلىق بولغان ئەمەس'
ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇىرسىدا تارىختىن بۇيان ھېچقاچان تىنچلىق بولغان ئەمەس، خۇ جىنتاۋنىڭ ھازىر يەنە كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەتتا ھەربىي ئىدار قىلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالماقچى بولغانلىقىمۇ تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ .
'خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان گەپلىرى كەلگۈسىدە سوتتا ئۆزلىرىنىڭ جىنيات پاكىتلىرى بولۇپ قالىدۇ'
ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان گەپلىرى بۇنىڭدىن 40 يىللار بۇرۇن ئادەملەرنى قايمۇقتورالىغان، ئۇلار ھازىر قىلىۋاتقان شۇ كونا گەپلەرگە دۇنيا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى، كەلگۈسىدە سوت مەھكىمىلىرىدە، ئۇلارنىڭ جىنايەت پاكىتلىرى بولۇپ قالىدۇ.