پېشقەدەم تەتقىقاتچى ۋە تارىخىي شاھىد - باتۇر راشىدىنوف (1 - )

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 84 ياشلىق ئەدەبىياتشۇناس باتۇر راشىدىنوف بۇ يىل 84 ياشقا كىردى. ئۇ، ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن كىتاب ۋە شېئر توپلاملىرى نەشىر قىلدۇردى.

0:00 / 0:00

ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بىر تارىخىي شاھىد بولۇپ، 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپقا قاتناشقان ئىدى. باتۇر راشىدىنوف ئەپەندى تۆت يىل مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى قارمىغىدىكى ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوفىتسېرى ۋە مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ، 1950 - يىللاردىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، مەمۇرىي ۋە ئىلمىي ساھەلەردە ئىشلىگەن.

باتۇر ئەپەندى ئۆتكەن يىلى ئىككى توملۇق "ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر تارىخى" ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.

سىلەر مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ باتۇر راشىدىنوفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ باش قىسىمىنى ئاڭلايسىلەر.