0:00 / 0:00
د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، توققۇز دۆلەت بۇ قېتىم يىغىندا 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ھەم يۈزلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىننىڭ خۇلاسىسى بۇ يىل 6 - ئايدا چىقىرىلىدىغان بولۇپ، خىتاينى ئەيىبلەش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى نەزەرگە ئالغان مۇھىم قارارلار ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دولقۇن ئەيسا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.